ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىدىغان يەتتە ئىنچىكە نوقتا

تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قىسمەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.

ھەر كۈنى چۈشىدىغان چاچ 100 تالدىن ئېشىپ كەتسە دىققەت قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇنى ساناپ بولماق تەس، چۈنكى بىز بېشىمىزدىن چۈشۈپ كەتكەن ھەر بىر تال چاچنى يىغىشقا ئامالسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئاسان بىر ئۇسۇلنى سۆزلەپ بېرىمىز:

چاچ

تاغاق بىلەن چاچنىڭ مۇقىم بىر يېرىدىن ياما ئايرىپ، ھەر ئايدا بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ، ئالدى- كەينىدە تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن يامىنىڭ كەڭلېكىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، چاچ چۈشۈشنىڭ تەدرىجىي ئېغىرلاشقان ياكى ئېغىرلاشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياما كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، چاچ چۈشۈشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. چېچى چۈشىۋاتقان كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلەتكەندىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، سۇيۇق- سەلەڭ يېمەك- ئىچمەكلەرنى يېيىش كېرەك. چېچى چۈشۈۋاتقانلار يېمەك- ئىچمەك ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىپ، زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشى، ئادەتتە تاتلىق يېمەكلىكلەر ۋە ئاچچىق- چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، بولۇپمۇ مايلىق يېمەكلىك، كاۋاپ تۈرىدىكىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. تاماق تەركىبىدىكى دانلىق زىرائەت، كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا چاچنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن سۈت، ئورۇق گۆش، ئۆي قۇشلىرى ۋە بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېچىچە ئۇخلىماسلىقنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى باركى پايدىسى يوق. ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ چېچى تېخىمۇ ئاسان چۈشىدۇ، مەيلى چاچ چۈشۈش ئەھۋالى بار ياكى يوق بولسۇن، ئەڭ ياخشىسى سائەت 23 تىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇش، ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، چاچنى بەك كۆپ يۇيماسلىق كېرەك. چاچنى بەك كۆپ يۇيۇش ياكى بەك ئاز يۇيۇش چاچ ئاسراشقا نىسبەتەن ياخشى ئەھۋال ئەمەس، ئادەتتە ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇش مۇۋاپىق، چاچ يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. چاچنى يۇيغاندا باش تېرىسىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، باش تېرىسىنى پاكىز تازىلىغىلى ھەم باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بولمىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، چاچنى ياخشى تاراش كېرەك. چېچى چۈشۈۋاتقان كىشىلەر ياغاچ تاغاق ياكى كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تاغاق بىلەن چاچ تارىشى كېرەك، بۇ خىل ماتېرىياللار ئىستاتىك ئېلېكتىرنىڭ چاچقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. دائىم چاچنى تاراپ بەرگەندە باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش رولىنى ئويناپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

بەشىنچى، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە سۇ ئۈزگەندە سۇ ئۈزۈش دوپپىسى كىيىۋېلىش كېرەك. ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا كۆپ مىقداردا ئاقارتىش پاراشوكى ئىشلىتىدۇ، چاچ بۇ خىل ئاقارتىش پاراشوكى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشقاندا قۇرغاقلىشىپ، چۈرۈكلىشىپ، ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزگەندە سىلىتسىيلىق يېلىملىق سۇ ئۈزۈش دوپپىسىنى كىيىۋېلىش كېرەك. سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن چاچنى تېزدىن پاكىز يۇيۇش ھەمدە چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلىتىپ، چاچنى ئاسراش كېرەك.

ئالتىنچى، چاچنىمۇ ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەك. كۈن نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرى گەرچە بىۋاسىتە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن چاچ سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، چاچنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ سارغايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ قىسقا چاچلىق كىشىلەرگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، ئەمما چېچى ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ »چېچىنىڭ ئۈزۈلۈش« سانى كۆپىيىدۇ.

يەتتىنچى، تاماكا تاشلاش كېرەك. تاماكا چېكىش باش تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلارنى تارايتىپ، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، چاچ چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى چاچ چۈشۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، روھىي كەيپىيات ئازادە، ئەركىن بولغاندا چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. ئەگەر سىز چاچ چۈشۈشنىڭ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن بەكرەك ئەنسىرىسىڭىز، بالدۇر داۋالىنىش ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

 

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى