ساغلاملىق

بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسىڭىز چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

چاچ

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەردە چاچ چۈشۈش باش قېتىنچىلىقى بار ئىكەن، ياپياش تۇرۇپ چاچلىرىنىڭ بىر تۇتام بىر تۇتامدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ تاقىر باش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دائىم چاچ چۈشۈشنىڭ شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تۈك خالتىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن چاچنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، دائىم چېچى چۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر قايسى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ماس كېلىدۇ؟

قارا ئۈجمە

1. ئۈجمە (桑葚)

دائىم چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرگە ئۈجمە ئەڭ ماس كېلىدۇ. ئۈجمە تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل مېۋە بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مەسىلەن، دائىم ئۇچرايدىغان ۋىتامىن، سىئانىدىن دېگەندەك مىنېرال ماددىلارنىمۇ ئۈجمە ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈجمە قارا يېمەكلىك بولغاچقا، تۈك خالتىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چاچنى قايتا ھاسىل قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، دائىم چېچى چۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۈجمە بىلەن بەدىنىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت

2. كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت 

كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇپ، نۇرغۇن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت قوشۇلىدۇ، بۇنىڭدىن كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت چاچ چۈشۈشنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا، دائىم چاچ چۈشۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت قوشۇپ ئۇماچ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، تۈك خالتىسىنى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلاندۇرۇپ، چاچنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.

ياڭاق

3. ياڭاق

دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر ياڭاق يېسە بولىدۇ، ياڭاق تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقىرى قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە سالامەتلىككە پايدىلىق كۆپ خىل ماددىلار بار. مەسىلەن، ئۇ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلايدۇ، بۇنداق قىلغاندا چاچنى ئوزۇقلاش ئۈنۈمى بولىدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ، شۇڭا دائىم چاچ چۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر ياڭاق يەپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.

قارا پۇرچاق

4. قارا پۇرچاق

چاچ چۈشۈشتىن بېشى قاتقان كىشىلەر ئازراق قارا پۇرچاق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قارا پۇرچاق كۆپ ئۇچرايدىغان قارا رەڭلىك يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار كۆپ، چاچنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈك خالتىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا، دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر قارا پۇرچاق بىلەن شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، ئوخشاشلا چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قارا گۈرۈچ

5. قارا گۈرۈچ

قارا گۈرۈچ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەنگە قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىنىمۇ پەسەيتىدۇ .ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، قارا گۈرۈچ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان ئاممونىي كىسلاتاسى، مىنېرال ماددا، مىكرو ئېلېمېنتلار قاتارلىقلار بولۇپ، تۈك خالتىسىنى ۋە چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، چاچ چۈشۈشنى مۇۋاپىق دەرىجىدە پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

قارا كۈنجۈت

6. قارا كۈنجۈت 

دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر تەركىبىدە ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان قارا كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قېرىشنىڭ ئالدى ئىلىش رولىنى ئويناپ، ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق تۈك خالتىسىنى ئوزۇقلاپ، تۈكلەرنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر قارا كۈنجۈت بىلەن بەدىنىنى تەڭشەپ تۇرسا بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى