ساغلاملىق

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

ھەممىمىزگە مەلۇم تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، لېكىن تاماكا تاشلاش بەك تەس! ئەمما تاماكا چەككەندە بەك ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىق، قاچان چەككۈسى كەلسە شۇ چاغدا چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماكا تاشلىيالمىغان تەقدىردىمۇ، ئامال بار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك، بەزى ۋاقىتلاردا تاماكا چەكسە، زىيان كۆرسەتكۈچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۆمۈرنى قىسقارتقان» بولىدۇ!

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

ئەگەر تاماكا خۇمارى تۇتۇپ قالسا، بۇ يەتتە ۋاقىتتا تاماكا چەكسە ئاسانلا «ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ»
1. ئەتىگەندە + تاماكا چېكىش
«سەھەردە بىر تال تاماكا چەكسە، پۈتۈن بىر كۈن روھلۇق بولىدۇ»، خاتا! بۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش! ئامېرىكىدىكى بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئويغىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي تاماكا چېكىش ئۆپكە راكى ۋە باش-بويۇن قىسمىنىڭ راك بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئورنىدىن تۇرۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تاماكا چەككەنلەر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن تاماكا چەككەنلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كېيىنكىسىنىڭ 1.31 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، كېچىچە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشمىگەچكە، ھاۋادا باكتېرىيە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر دەرھال تاماكا چەكسە، بەدەن تېخىمۇ كۆپ زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا تاماكا چېكىش كانايچە ۋە قىزىلئ‍ۆڭگەچ ئاجرالمىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاسانلا كانايچە ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

2. ھاجەتخانا + تاماكا چېكىش
نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ھاجەتخانىغا كىرگەندە تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ مەيلى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن بولسۇن، بۇ ئادەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك! ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئەڭ ياخشىسى تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، ھاجەتخانا ئىچىدە ئادەتتە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ناچار، ھاۋا تەركىبىدىكى ئاممىياكنىڭ مىقدارى يۇقىرى، تاماكا چەككەندە ئىس تەركىبىدىكى ئاممىياكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىقداردىكى زىيانلىق گازنى ئادەم بەدىنى سۈمۈرگەندە، ئاممىياكنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يولى ئېغىر غىدىقلىنىپ، ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاجەتخانىغا كىرىپ تاماكا چەككەندە تەرەت قىلىشقا بولغان دىققەت زور دەرىجىدە چېچىپ، ھاجەت ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىۋېتىدۇ، ئۇزاق داۋاملىشىۋەرسە ئاسانلا قەۋزىيەت قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

3. مۇناسىۋەتتىن كېيىن + تاماكا چېكىش
مۇناسىۋەتتىن كېيىن تاماكا چېكىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىتى، لېكىن، ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئادەتتىكىدىن كۆپ چوڭ بولىدىكەن. چۈنكى ئادەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە يۈرەكنىڭ قاتتىق سوقۇشىدىن قان تومۇر كېڭىيىپ قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا كاربون چالا ئوكسىد، نىكوتىن قاتارلىق ماددىلار ئىس-تۈتەككە ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ناھايىتى ئاسانلا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ، يۈرەك مېڭە قان تومۇرى قاتارلىق ھەرقايسى ئەزالارغا تېخىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكوتىننىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئاۋۋال ھاياجانلاندۇرۇپ ئاندىن تورمۇزلاش رولى بار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەندە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

4. ھاراق ئىچىش + تاماكا چېكىش
ھاراق ئىچىش بىلەن بىللە تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ماسلىشىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەر ئىككىسى قارشى تەرەپنىڭ زەھىرىنى كۈچەيتىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كاناي ۋە ئۆپكىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، كوكس مېيى شەكلىدە بۇ ئەزالارنىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىدۇ، ھاراق ئىچىش بىلەن تاماكا چېكىشنى بىرلەشتۈرگەندە، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاققا چاپلىشىپ قالغان كوكس مېيى ھاراققا ئەگىشىپ قورساققا كىرىدۇ، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، كوكس مېيى ئىسپىرتتا ئېرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى تېزلا قانغا سۈمۈرۈلۈپ، بەدەنگە تارقىلىدۇ. ھاراق ئىچكەندە تاماكا چەكسە، قاندىكى نىكوتىننىڭ مىقدارى نوقۇل تاماكا چەككەنگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

5. تاماقتىن كېيىن + تاماكا چېكىش
مەيلى تاماق ۋاقتىدا ياكى تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكسۇن، زىيىنى نورمال 10 تال تاماكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ! تاماقتىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، قان ئايلىنىش كۈچىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ئاقسىل ۋە ئېغىر كاربوناتلىق ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەيگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

6. تۈنەش + تاماكا چېكىش
تۈنەش ئەسلىدىنلا بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق ھەرىكەت بولۇپ، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش ئۈچۈن سالامەتلىككە زىيانلىق بىر تال تاماكىنى قوشقاندا، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

بۇ يەتتە خەتەرلىك ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھاياتىڭىزغا خەۋپ

7. قەھۋە ئىچىش + تاماكا چېكىش
ئەگەر قەھۋە ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا چەككەندە زىيىنى ھەسسىلەپ ئېشىپلا قالماي، ئۇلار بىر-بىرىگە رېئاكسىيە قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا ئۇزاق مۇددەت بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ غول ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىدا ۋاقىتلىق قېتىش پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، يۈرەكنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە قاننىڭ بېسىمىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق بەدەننى قان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالىدۇ ۋە مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قەھۋە ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا چەكمەسلىك، تاماكا بىلەن كوفېئىننىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى