تەبىئەت

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

ئامېرىكا بىر تىپىك كۆچمەنلەر دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان، فىلورىدا ئىشتاتىنىمۇ بۇ كۆچمەنلەر دۆلىتى ئىچىدىكى سىرتتىن كۆچمەن بولۇپ كىرگەن ھايۋانلارنىڭ ماكانى دېيىشكە بولىدۇ، فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كەڭلىك گىرادۇسى مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، نەم سۇبتروپىك بەلباغ، تروپىك بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە. قىشتا ئەڭ سوغۇق بولغاندا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولمايدۇ، يازدا ئىسسىق كۈنلىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇس ئەتىراپىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ تەرىپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، نەملىك يېتەرلىك. بۇنداق كىلىماتتا، كۆپ قىسىم ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ياخشى ياشىيالايدۇ. فىلورىدا ئىشتاتىدا يەنە داڭلىق «چوڭ سۇلۇق يەر دۆلەت باغچىسى» بار، ئۇ بىر پارچە ئادەمسىز رايون بولۇپ، ئىنسانلار ئاز ھەرىكەت قىلغاچقا، تەبىئىي ھالدا ھەر خىل جانلىقلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى بولۇپ قالغان.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

2009-يىلىغا قەدەر، سىرتتىن كەلگەن 192 تۈر فىلورىدا ئىشتاتىدا ماكانلىشىپ قالغان، جەنۇبىي فىلورىدا ئىشتاتىدا سىرتتىن كەلگەن 50تىن ئارتۇق تۈر خاتىرىلەنگەن. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا تىمساھ خېلى نامى چىققان كوچا زومىگىرى بولۇپ ، تىمساھلار چوڭ كوچىدا لاغايلاپ قالىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ ئاممىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ يەردىكى 1 مىليون 300 مىڭ تىمساھ بۇ ئىشتاتتىكى خەلقىنى «يۇرا دەۋرى باغچىسى»دا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

1. تىمساھلارنىڭ فىلورىداغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى.

فىلورىدا ئىشتاتىدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئەسلى يەرلىك تىمساھلار ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا قىسقا تۇمشۇقلۇق تىمساھى (Alligator mississippiensis) ۋە ئامېرىكا تىمساھى (Crocodylus acutus) ئىدى، لېكىن 1960-يىلىدىن بۇيان، فىلورىدا ئىشتاتىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەربىي ئافرىقىنىڭ تار تۇمشۇقلۇق تىمساھى، دىقماق تۇمشۇق پاكىنەك تىمساھى، بىگىز تۇمشۇق پاكىنەك تىمساھى، كۆزەينەكلىك كايمان تىمساھى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى سىرتتىن كەلگەن تىمساھلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان. 1992-يىلىدىكى قارا بوران فىلورىدا، باھاما تاقىم ئاراللىرى ۋە لۇئىسئانانى قاپلاپ، نۇرغۇن تىمساھلار ھايۋانات باغچىسىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن، شۇنداق قىلىپ بۇ ۋەقە تىمساھلارنىڭ كەڭ تەبىئەتتە شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە ئاساس بولۇپ قالغان. ئالىملارنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى بولسا، نىل تىمساھى (Crocodylus niloticus) فىلورىداغا كېلىپ كۆچمەن بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگىنى بولغان، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكىغا كەلگىنىگە كەلسەك، بەلكىم قانۇنسىز سودا قىلىدىغانلار ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

نىل تىمساھى ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ تىمساھ ۋە ئەڭ چوڭ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىرغا يېتىدىغان چوڭ تىپتىكى تۈر. ئۇ باشقا ھەر قانداق تۈردىكى تىمساھقا قارىغاندا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ تۈردىكى تىمساھ ھەر يىلى ئافرىقىدا نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت خەۋەر قىلىنغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، خەۋەر قىلىنمىغان خەۋەرلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نىل تىمساھى تەرىپىدىن ھەر يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئادەم سانى، ھەتتا باشقا بارلىق تىمساھ تۈرلىرىنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

تىمساھنىڭ ئۆسۈشى چە كۆپىيىشى تېمپېراتۇرا، تۇز، تۈر توپىنىڭ زىچلىقى، يېمەكلىك سۈپىتى ۋە يېمەكلىك مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مۇھىتى ۋە سۇلۇق يېرى تەمىنلىگەن ياشاش ئورنى سىرتتىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تىمساھقا يېتەرلىك ئولجا ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

زىمبابۋېدىكى نىل تىمساھى ناھايىتى تېز ئۆسىدىغان بولۇپ، يىلىغا 31.7 سانتىمېتىر تېزلىك بىلەن بەش ياشقا كىرگەندە ئۇزۇنلۇقى90 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. لېكىن، تەتقىقاتچىلار فىلورىدادا تۇتقان نىل تىمساھىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى يىلىغا 40.5 سانتىمېتىر بولۇپ، ئەسلىدىكى نىل تىمساھىنىڭكىدىن %28 تېز ئىكەن.

تىمساھنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئوخشاشلا نىل تىمساھىنى مىسالغا ئالساق، چىشى نىل تىمساھى قۇملۇقتىكى دەريا قىرغىقىدا ئورەك كولاپ ئۇۋا ياسايدۇ، ھەر قېتىمدا 25-80غىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمدىن چىقىش مەزگىلى تەخمىنەن ئۈچ ئاي بولىدۇ، ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان بالا تىمساھنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. 12-15 ياشتا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. نىل تىمساھىنىڭ ئۆمرى 70-100 ياش بولىدۇ.

بۇمۇ نېمە ئۈچۈن باشقا تىمساھلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالىملار نىل تىمساھنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا تۈر توپى قۇرۇشىدىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، فىلورىدا ئىشتاتىدا نىل تىمساھىنىڭ ئىپتىدائىي مۇھىتىدىكى چەكلىمىسى كەمچىل. نىل تىمساھى باشقا تىمساھلارغا قارىغاندا فىلورىدانىڭ مۇھىتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ ھەمدە تېز سۈرئەتتە تۈر توپى بەرپا قىلالايدۇ.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

نۆۋەتتە، فىلورىداغا سىرتتىن كۆچمەن بولۇپ كىرگەن تىمساھ 1 مىليون 300 مىڭغا يەتكەن، ناۋدا سىز فىلورىدادا كوچىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تىمساھنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز ئانچە قورقۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، كىشىلەر بەزىدە ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا مۈگدەپ قالغان تىمساھقا ئۇچراپ قالىدۇ. يەنە بەزى چاقىرىلمىغان مېھمانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىنىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر غايەت زور تىمساھنىڭ گولف توپ مەيدانىدا «سەيلە قىلغان» قىسقا فىلىمى توردا كەڭ تارقالغان.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

بۇ سىرتتىن كەلگەن تىمساھلار يەرلىك جانلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە يەرلىك تىمساھلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن ھەمدە يەرلىك تىمساھ بىلەن شالغۇتلىشىپ، يەرلىك تىمساھنىڭ گېنىنى بۇلغىغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باشقا تۈرلەرنىڭ بۇ جايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇلار يەنە دائىم خەلقنى پاراكەندە قىلىپ، پۇقرالارنى يارىلاندۇرىدۇ، ھەر يىلى كۆپ قېتىم ياۋايى تىمساھنىڭ ئۆي قۇشلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ھەتتا ئاھالىلەرنى يارىلاندۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

تىمساھ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىش قېتىم سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 2010-يىلى بىر يىلدىلا 41 قېتىم تىمساھنىڭ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 1973-يىلىدىن بۇيان، ئاز دېگەندە 23 ئادەم تىمساھ تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

2. فىلورىدالىقلار بىلەن تىمساھلارنىڭ مۇناسىۋىتى.

بىر مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق تىمساھ فىلورىدالىقلارنى ئامالسىز قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار پىشىپ يېتىلگەن، كۆپىيىدىغان توپ بولۇپ شەكىللەنگەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇ كۆچمەنلەرنى پۈتۈنلەي تازىلىۋېتەلمەيدۇ.

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

فىلورىدا ئىشتاتىدا ئوۋ ئوۋلاش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر مەلۇم شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا شۇ جايدىكى تىمساھنى ئوۋلىيالايدۇ، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئوۋچى ئۇزۇنلۇقى 15 ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 4.5 مېتىر) ، ئېغىرلىقى 800 قاداق (تەخمىنەن 363 كىلوگىرام) كېلىدىغان غايەت زور تىمساھنى ئوۋلىغان.

بۇنىڭدىن باشقا. ھەر يىلى 8-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان مەزگىل تىمساھ ئوۋلايدىغان پەسىل بولۇپ، پۈتۈن ئىشتات بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ ھەر يىلى 6000 تىمساھنى ئوۋلاپ تۇتۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، تىمساھ گۆشى شۇ جايدا پايدىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئالاھىدە مەھسۇلات. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تىمساھ گۆشى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك تەمىنلەش سودىگىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى 38 ئىشتاتقا سېتىلىدۇ. يېمەكلىك ماتېرىيالىدىن باشقا، تىمساھ تېرىسى يەنە قول سومكىسى، پۇل قاپچۇقى ۋە خاتىرە بۇيۇمى قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ.

 

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

يەنە بىر قىسىم فىلورىدالىقلار تىمساھنى «ئەرمەك ھايۋان» دەپ قارايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىت-مۈشۈك قاتارلىقلارنى بېقىشنى تاللىماي تىمساھنى كۆندۈرۈپ ئەرمەك قىلىپ باقىدۇ، لېكىن بۇ كۆندۈرۈلگەن مەخلۇقلارنىڭ يەنىلا گۆشخور تەبىئىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا ئەرمەك تىمساھنىڭ ئىگىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشى يەنىلا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

 

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

▲يۇرتىڭىزدا سۇغا چۈشۈپ كەتسىڭىز تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن فىلورىدادا سۇغا چۈشۈپ كەتسىڭىز تىمساھ يەۋېتىشى مۇمكىن.

 

ئافرىقا نىل تىمساھى فىلورىدالىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كۆپ خىل تىمساھ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قالايمىقان مۇھىت، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشىمىغان تۈردىكى تىمساھلار شالغۇتلاشقان بولۇپ، فىلورىدا ئىشتاتىدىكى نەچچە خىل تىمساھنىڭ ياشاش مۇھىتى پۈتۈنلەي ئارىلىشىپ كەتكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى