ساغلاملىق

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

سېمىزلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبچىسى، مەسىلەن، «ئۈچ يۇقىرى» كېسەللىكى، دىيابېت كېسىلى، جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلار. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېتابولىزم ئاستىلاپ، ئىچكى ئەزالار ئەتراپىغا يىغىلىپ قالغان ماي بارغانسېرى كۆپىيىپ، بەدەنمۇ تەدرىجىي سەمرىپ كېتىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا قورساق تەرەپ سەمىرىپ كەتسە بۇ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك.

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەر بەش كىلوگىرام ئاشسا، ياشانغاندا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %10 ئاشىدىكەن. سېمىزلىك چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار قىلىدۇ، چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ، چوڭ مېڭىگە ئېقىپ بارىدىغان قان ئازلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، سېمىزلىك چوڭ مېڭىنىڭ 10 يىل ئەتراپىدا قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلىك بوغۇملارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، %25 بوغۇم ياللۇغى سېمىزلىك ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار قانچە ئورۇق بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بەك ئورۇق بولسا ئاسانلا مۇسكۇل ئازلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ مىقدارى ئازلاپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ، سۆڭەك سۇنۇش نىسبىتى ئېشىپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

قانداق بەدەن ئېغىرلىقىدىكىلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؟

1. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى

بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بەدەن ئېغىرلىقىنى بوي ئىگىزلىكىنىڭ كۋادراتىغا بۆلگەنگە تەڭ بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 23.9 ~ 18.5 ئەتراپىدا كونترول قىلىنىشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 18.4تىن تۆۋەن بولسا، بەدەننىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ؛ 24~27.9 بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش؛ 28دىن ئېشىپ كەتسە سېمىزلىك بولىدۇ.

2. بەل ئايلانمىسى

بەل ئايلانمىسى ئوخشاشلا بەدەننىڭ ئورۇق-سېمىزلېكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن، ئەرلەرنىڭ 90 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، قورساق تىپلىق سېمىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ. قورساق تىپلىق سېمىزلىك مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە راك قاتارلىق كۆپ خىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

3. بەدەندىكى ماي نىسبىتى

قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ %25تىن ئېشىپ كەتسە سېمىز ھېسابلىنىدۇ.

قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟

1. قۇرامىغا يەتكەنلەر

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ خىزمىتى بىر قەدەر ئالدىراش بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش، تېز تاماق يېيىش ياكى سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇش، گۆشلەرنى زىيادە يېيىش ۋە كېچىچە ئۇخلىماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.

بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر ۋاقلىق تاماقتا 7~8 ئۈلۈش تويغۇچە يېيىش، ئەخلەت يېمەكلىك ياكى باشقا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. تاماقنى ئاز يېيىش، دۈملەپ پىشۇرۇش ياكى سوغۇق ئىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن تاماق ئېتىش، ماي، تۇز ۋە شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.

ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، دائىم قورساق قاتلاش ياكى تەكشى تىرەش ۋە يەر بېغىرلاش قاتارلىق بەلنى ئورۇقلىتىش، قورساقنى يىغىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش كېرەك. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەرىكەت قىلىش كېرەك، بەدەن ئازراق تەرلىسىلا كۇپايە، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى ئارتۇقچە ئىسسىقلىقنى خورىتقىلى بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

2. ياشانغانلار

ئازراق سېمىز ياشانغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، ھەمىشە بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولمايدۇ، ئامال بار بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى 18.5~25 ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك. ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ياشانغانلارنىڭ ئازراق سېمىزلىكى ماينى بەك كۆپ يىغىۋالغانلىق ئەمەس، بەلكى مۇسكۇللارنىڭ نىسبىتى ۋە مىقدارىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدۇر. ئورۇقلاپ كەتكەن ياشانغانلار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، تەيجى گۇمپىسى، ئاستا يۈگۈرۈش ۋە تېز مېڭىش قاتارلىقلار، مۇسكۇللارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ھەر قېتىملىق ھەرىكەت ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، يېنىك تەرلىگىنى ياخشى.

زىيادە سېمىزلەر، بولۇپمۇ ئۈچ يۇقىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار ياشانغانلار، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىش كېرەك، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش پرىنسىپى قوللىنىپ، مۇۋاپىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، مۇۋاپىق مېقداردا قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلىش.

 

بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەسكەرتمە

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى سېمىزلىك ياكى بەك ئورۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال دائىرىدە كونترول قىلىش كېرەك. ئادەتتە بەدەنگە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەكشى ھەم ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىش، مۇۋاپىق سۇ تولۇقلاش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، سىرتقا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كېسەللىكنى ۋاقتىدا بالدۇر بايقاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى