تەبىئەت

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ئوزۇقلىنىش ۋە كۆپىيىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش جانلىقلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم ئامىلى. چۈنكى، بىرى ئۆزىنى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ گېنىنى ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كۆپىيىش بەزىدە تاماق يېيىشتىنمۇ مۇھىم.

چۈنكى بەزى ھايۋانلار كۆپىيىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئەركەك خالتىلىق چاشقان كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ياشاش بوشلۇقى ۋە بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

يەنە چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان ئەركەك ئانگلېر بېلىقى چىشى بېلىق بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدە پارازىت ھالدا ياشايدۇ. بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى، جۈملىدىن چوڭ مېڭىسى چېكىنىپ كېتىدۇ.

يەنە ھاشاراتلارنىڭ ئوخشاش تۈردىكىلەرنى جىنسىي ئوزۇق قىلىش ھەرىكىتىمۇ بار، ئەركىكى ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن چىشىسىنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلىنىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىشقا رازى. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، ياچىۋەك، سېرىق ئۆمۈچۈك، قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك… قاتارلىقلار.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ھاياتلىقنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

بۇلاردىن باشقا تەبىئەت دۇنياسىدا يەنە نۇرغۇن ھايۋانلار بار. ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بەزىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈر سۈپىتىدە باشقا ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى ئىگىلىۋالىدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

مەسىلەن، بەش-ئالتە دانە توشقان نەچچە ئون يىلدا كۆپىيىپ 10 مىلياردقا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن.

يەنە ئاسىيا كارپ بېلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى چوڭ-كىچىك كۆللەردىمۇ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ھايۋاننىڭ پۇرسەت بولسىلا ئۆز ئىرقىنى ۋەھشىيلەرچە كېڭەيتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

لېكىن، يۇقارقى جانلىقلارنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان ھايۋانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ياردىمىدە ئەڭ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىق» دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەل مۈشۈكئېيىق.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

مۈشۈكئېيىقنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قېلىشى چوقۇم ئىنسانلارنىڭ دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئۆلتۈرۈشى، ياشاش ماكانىنى ئىگىلىۋېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن كۆپىيىش ئۈنۈمى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

دالىدىكى مۈشۈكئېيىقنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ، مەخسۇس بېقىلغان مۈشۈكئېيىقنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بولسا 30 يىلغا يېتىدۇ. دالىدىكى مۈشۈكئېيىقنىڭ يېتىلىش يېشى 4 ~ 6 ياش، قوتاندا بېقىلغان مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندا كېيىنرەك، يەنى سەككىز ياش ئەتراپىدا بولىدۇ.

مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىشىنىڭمۇ مۇقىم كۈيلەش مەزگىلى بولىدۇ، ئادەتتە 3-ئايدىن 5-ئايغىچە. لېكىن ئۇلارنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، پەقەت ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن كېيىن چىشى مۈشۈكئېيىقنىڭ جۈپلىشىش ئارزۇسى بولمايدۇ.

يەنە داۋاملىق ئەۋلاد قالدۇرماقچى بولسا، كېلەر يىلىنى ساقلاش كېرەك.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ئەركەك مۈشۈكئېيىق باشقا ئەركەك ھايۋانلارغا ئوخشاش يالغۇز ياشايدىغان بولۇپ، پەقەت كۆپىيىش مەزگىلىدىلا ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى جەلپ قىلىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەگەر دالىدا تۈر توپىنىڭ سانى بەك ئاز بولۇپ توپ بۆلۈنۈپ كەتسە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ «يېقىن تۇغقانلار ئارا كۆپىيىش ھادىسىسى»نى پەيدا قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋە غەيرىيلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

شۇڭا، ئىنسانلار مۈشۈكئېيىق نەسلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئارىلاشمىسا، ئۇلارنىڭ ناھايىتى تېزلا نەسلى قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى، تۇغۇش ئىقتىدارى، بالىلىرىنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن.

بىر چىشى مۈشۈكئېيىق نەچچە ئەركەك مۈشۈكئېيىقنى جەلپ قىلالايدۇ، بۇ ئەركەك مۈشۈكئېيىقلار ئېلىشىش ئارقىلىق ئالدىن جۈپلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

ئاندىن جۈپلىشىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، قىسقىغىنە كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەركىكى چىشىسى بىلەن نەچچە قېتىم جۈپلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم باشقا چىشىسىنى ئىزدەيدۇ، چىشىمۇ نۇرغۇن ئەركىكى بىلەن جۈپلىشىدۇ.

بىراق مۈشۈكئېيىقنىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بىھۇدە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردىمۇ، بىر چىشى مۈشۈكئېيىق بالىسىنى ئىككى يىلدا ئاندىن تۇغىدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

مۈشۈكئېيىقنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندا پۈتۈن بەدىنى قىزىرىپ كەتكەن ھالەتتە بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 گىرامدىن ئازراق ئاشىدۇ، بۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن مۈشۈكئېيىق بىلەن بولغان پەرقى بەك چوڭ. مۈشۈكئېيىقنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنلەر كۆپ ھاللاردا بۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 نەچچە كىلوگىرام، ھەتتا 100 نەچچە كىلوگىرام كېلىدىغان ھايۋاننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ.

تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، مۈشۈكئېيىق بالىسىنى بېقىش ئىنسانلار بالىسىنى باققانغا ئوخشاش ئىنتايىن قىيىن، 56 كۈندە ئاندىن كۆزىنى ئېچىپ، ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئاندىن ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ، بۇنىڭدىن ئىنسانلار بالىسىدىن سەل كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

شۇڭا، مۈشۈكئېيىق بالىسىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، چىشى مۈشۈكئېيىق بالىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي، ئەڭ چوڭ قوغداش ۋە غەمخورلۇق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۈشۈكئېيىق بالىسى ئانىسىغا بىر يىلدىن كۆپرەك، ھەتتا ئىككى يىل ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

پەقەت بالا ئاپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چىشىسى ئاندىن ئەركىكىنىڭ جورا تاللىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە مۈشۈكئېيىق باشقا ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ، بىر ئۇۋىدا بىر نەچچە، ھەتتا ئون نەچچىسى بولىدۇ، ئۇلاردا بەزىدە قوشكېزەك كۆرۈلىدۇ، لېكىن چىشى مۈشۈكئېيىق ئادەتتە پەقەت كۈچلۈكرەك بىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، يەنە بىرى بولسا تەقدىرگە تەن بېرىدۇ. مانا بۇ دالىدىكى مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىشى.

ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتىن ئۇلارنىڭ تۈر توپىنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىيىش ئىقتىدارى ناچار، بالىلىرىنى بېقىش تەس بولغاچقا، مۈشۈكئېيىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئارىلىشىشىنىڭ سەۋەبى.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ھايۋانات باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىقنى چېتىشتۇرۇش

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھايۋانلارنى ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەندىلا، ئۇلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ، ئەمما مۈشۈكئېيىقنىڭ دۆلەت گۆھىرى بولغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان بولۇپ، ھازىر تۈر توپىنىڭ سانىمۇ ئاران 2000دىن ئاشىدۇ.

سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان مۈشۈكئېيىقنىڭ سانى 600دىن ئاشىدۇ، سەۋەبى ئۇلار قوتاندا باققان ئەھۋالدا، ئەركىكىنىڭ كۆپىيىش قىزغىنلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ھەتتا قىزىقمايدۇ. سەۋەبى، ئىلگىرى كىشىلەر مۈشۈكئېيىقنى ئايرىپ بېقىپ، ھالقىلىق كۆپىيىش مەزگىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەچكە، ئەركەك-چىشىسى ئۇچراشقاندا ئەركىكى چىشىسىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ئۇ پۇراق بىلەن تونۇشمايدىغان چىشى مۈشۈكئېيىق بىلەن چېتىشمايدۇ، يەنى دالىدىكى بىر يۈرۈش كۆپىيىش مۇراسىمى بولمايدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۈشۈكئېيىق ئۆزى تاللىغان جۆرىسى بىلەن جۈپلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، سۈنئىي ھالدا ئەركەك-چىشى ھايۋانلارنى خالىغانچە بىر يەرگە يىغىپ قويماسلىق، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىمۇ مۇراسىم تۇيغۇسى بولۇشى كېرەكلىكى مۇھىم ئىكەن.

بىيولوگىيە ئالىملىرى ئەركەك مۈشۈكئېيىققا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۇلارغا «مۈشۈكئېيىق ياپراقچىسى»نى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى قوزغىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

ھەتتا كۆپىيىش مەزگىلىدە يەنە دورا ئارقىلىق ئەركىكىنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا، ئالىملار يەنە ئەركەك مۈشۈكئېيىقنىڭ «بېسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ»، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرىدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

2009-يىلى تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇلغان مۈشۈكئېيىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاسلانلىدى.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

ئەركەك مۈشۈكئېيىقنىڭ قىزىقماسلىق بېسىمىدىن باشقا، قوتاندا بېقىلغان مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىشى يەنە گېن كۆلچىكىنىڭ چەكلىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ، شۇنچە كۆپ مۈشۈكئېيىق «يېقىن تۇغقانلار ئارا كۆپىيىش» خەتىرىدىن ساقلىنالمايدۇ، ئەگەر گېننىڭ كۆپ خىللىقى ناچار بولسا، كۆپىيىۋەرسە ئېغىر ئىرسىيەت كېسەللىكى پەيدا بولۇپ، تۈر توپىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا، ئالىملار دالىدا مۈشۈكئېيىقنىڭ ئىسپېرمىسىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۇنى توڭلىتىپ، قوتاندا بېقىلغان مۈشۈكئېيىقنىڭ گېن ئامبىرىنى كۆپەيتىدۇ، توڭلىتىلغان ئىسپېرمىنى نەچچە ئون يىل ساقلىغىلى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھايۋانات باغچىلىرىدا بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

ئىنسانلار ھازىر مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغاچقا، گەرچە ئۇلارنىڭ تۈر توپى سانى ھازىر يەنىلا ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى كۆپىيىۋاتىدۇ.

مۈشۈكئېيىق نېمىشقا جۈپلىشىشكە قىزىقمايدۇ؟

خۇلاسە:

كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان ئەركەك مۈشۈكئېيىق جۈپلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ پەقەت ئىنسانلار قوتاندا باققان ئەھۋال ئاستىدىلا پەيدا بولىدۇ، دالىدا ئۇلار باشقا ھايۋانلاردەك بۇ ئىشلارغا قىزىقمىسىمۇ، لېكىن نەسلىنىڭ كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ھازىر دالىدا ياشايدىغان مۈشۈكئېيىقنىڭ سانى 1864كە يەتتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى