ساغلاملىق

ئەيدىز بىمارلىرى بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەيدىز بىمارلىرى بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

دورا بىلەن داۋالاشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كېسىلى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز بىمارلىرىدا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنى بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئادەتتە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا داۋالاشقا بولىدۇ. مەسىلەن سۈيدۈك نەيچىسى قاتتىق ئەينىكى بىلەن داۋالاش، سۈيدۈك نەيچىسى يۇمشاق ئەينىكى بىلەن داۋالاش، بەدەن سىرتىدا تاش پارچىلاش قاتارلىقلار. ئەمما زۆرۈر ئەھۋالدا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئەسلىدىنلا داۋالاشقا مۇھتاج، شۇڭا داۋالاشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ھەمدە بىمارنىڭ ئورگانىزىمىدىكى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، بەزى بىمارلاردىكى بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىنى داۋالىغىلى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئاۋال ئەيدىز كېسىلىنى كونتىرول قىلىپ، ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسدىكى تاش چۈشۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس بۆلۈمدە داۋالىسا بولىدۇ. شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرى بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى زۆرۈر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى