ساغلاملىق

ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتكەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

مەن ئۆت مەنبەلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، دوختۇر ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش تەكلىپىنى بەردى. ئەگەر ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتسە، ئۆت سۇيۇقلۇقى يەنە ئاجرىلىپ چىقامدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتكەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

ئۆت خالتىسى ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل ھەزىم قىلىش ئەزاسى، ئۇ جىگەردىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، تاماق يېگەندىن كېيىن ئۆت خالتىسى قىسقىراپ، زاپاس ساقلانغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە چىقىرىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆت خالتىسى پەقەت ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدىغان ئەزا بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسىنىڭ كېسىپ ئېلىۋېتىلىشى بىلەن ھاسىل بولماي قالمايدۇ، جىگەر بۇرۇنقىدەكلا 24 سائەتتە ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى داۋاملىق ھالدا ئۈچەيگە كىرىدۇ. تاماق يېگەندە، ئورگانىزم كۆپ مىقداردىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدىغان ئورۇن تاپالماي، بىمارنىڭ بەدىنىدە «ئارتۇق ئۆت سۇيۇقلۇقى» بولمىغاچقا، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ، بولۇپمۇ ياغنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىپ، ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلىپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان ئورگانىزملارنىڭ كومپېنساتسىيە مەزگىلىدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.

(كومپېنساتسىيە: ئەزانىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىكى توقۇلمىلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ساغلام توقۇلمىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئىشلەپ، مەزكۇر ئەزانى ئاجىزلاشتۇرماسلىق ئىقتىدارى)

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى