تەبىئەت

دېڭىز ساھىلىدا جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان «توك سىملىرى» پەيدا بولدى

دېڭىز ساھىلىدا جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان «توك سىملىرى» پەيدا بولدى

ئەگەر بىرەرسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقى ئەتراپىدىكى پادلېي ئارىلى دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولسا، ئۇ يەردە بەلكىم بىر قىسىم يۆگىلىپ كەتكەن توك سىمىغا ئوخشاش سېرىق رەڭلىك قامچىسىمان نەرسىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا دۆلەت باغچە باشقۇرۇش ئىدارىسى (NPS)نىڭ ساياھەت يېتەكچىسى رېبېكا كلاۋسېن (Rebekah Claussen)نىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، يېقىندا ئۇ دېڭىز ساھىلىدا يۆگىشىپ قالغان ئارغامچىغا ئوخشايدىغان بۇ سىرلىق نەرسىلەرنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىغان. رېبېكا دەسلەپتە ئۇلارنى دېڭىز دولقۇنى يالاپ قىرغاققا چىقارغان تاشلاندۇق ئەخلەتلەر، مەسىلەن توك سىمى ۋە ئارغامچا دېگەندەك نەرسىلەرمىكىن دەپ قالغان.

دېڭىز ساھىلىدا جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان «توك سىملىرى» پەيدا بولدى

لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ پەقەت كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل ئورگانىك جانلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر جانلىق قارىماققا ھەقىقەتەن بەك سىرلىق كۆرۈنىدىغان نەرسە بولۇپ، كلاۋسوننىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلارنىڭ ئادەم ياسىغان نەرسىلەر بىلەن بۇنچىلىك دەرىجىدە ئوخشاپ قېلىشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. كلاۋسون كېيىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ «دېڭىز قامچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دېڭىز مارجىنى تۈرىدىكى جانلىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، ئۇنىڭ رەسمىيلەشكەن ئىلمىي نامى بولسا «يۇمشاق مارجان» بولۇپ، سېرىق رەڭدىكىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئورتاق گۆش توقۇلمىسى، يەنى ئۇنىڭ تىرىك تەن قىسمى، ئاستىدىكى قارا پارچىسى بولسا ئۇنىڭ كالتسىيلىق قىلتىرىقى بولۇپ، مارجاننى تىرەپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. دېڭىز قامچىسى دېڭىز خادا تاشلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان مارجان تۈرى ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ كالتسىي كاربوناتلىق تەن قۇرۇلمىسى يوق. لېكىن ئۇلار مارجان خادا تاشلىرى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بېلىق تۈرلىرى، قۇلۇلە تۈرلىرى، يۈسۈن تۈرلىرى ۋە باشقا كۆپ خىل دېڭىز-ئوكيان تۈرلىرىنى ئورۇنلىشىدىغان ماكان بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

دېڭىز ساھىلىدا جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان «توك سىملىرى» پەيدا بولدى

بۇنداق دېڭىز قامچىسىنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولۇپ، قىزىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ياكى سۆسۈن قاتارلىقلاردا بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى قىزىل ياكى سېرىق رەڭدىدۇر. ئۇنىڭ رەڭگى بولسا ئۆزى بىلەن بىللە ئورتاق ياشايدىغان گىدرا تەنچىسى (水螅体)دىن كەلگەن، بۇ بولسا بىر خىل تېنى يۇمشاق كىچىك ھايۋان بولۇپ، سەككىز تال سېزىش بۇرۇتى ئاغزىنىڭ ئەتراپىنى ھالقىسىمان ئوراپ، سۇدىكى لەيلىگەك جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، لېكىن ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى يەنىلا ئورتاقلىشپ ئېلىپ بارىدىغان فوتوسىنتېز رولىدىن كېلىدۇ.

گىدرا تەنچىسىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئاقسىل قېنىق رەڭلىك تەن قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قامچىدەك تۈپ غولنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇنلىرى بىر مېتىرغا يېقىنلىشىدىغان بولغانلىقتىن «دېڭىز قامچىسى» دەپ ئاتىلىپ قالغان. پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا تەخمىنەن 500 خىل دېڭىز قامچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىكتۇر.

دېڭىز ساھىلىدا جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان «توك سىملىرى» پەيدا بولدى

دېڭىز قامچىسى ئادەتتە ئۈچ مېتىردىن 20 مېتىرغىچە بولغان دېڭىز ئاستىدا ياشايدۇ. تاغ جىنسلىرى ۋە ھاك تېشىدىن تەركىب تاپقان تاش قۇرۇلمىلارغا چاپلىشىۋالىدۇ، بەزىدە دولقۇن تەرىپىدىن ئاجىرىتىلىپ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ چىقىرىلىدۇ. بەزىدە كىشىلەر ئۇلارنى توك سىمى، قارماق يىپى ۋە بېلىق تورى قاتارلىق ئەخلەتلەرمىكىن دەپ ئويلاپ تازىلاپ ئېلىپ كېتىدۇ.

ناھىيەسىگەرچە كىشلەر مېكسىكا قولتۇقىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا بۆسۈپ كىرگەن سېرىق رەڭلىك دېڭىز قامچىسىنىڭ زەھەرلىك ياكى زەھەرلىك ئەمەسلېكىنى، ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلېكىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى تېرىۋالمىغىنى تۈزۈك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى