ۋوردپرەس

ۋوردپرەس ئىملاچى قىستۇرمىسى

سالام تورداش :

خېلى كۈنلەر بولدى مەن بۇ قىستۇما بىلەن ھەپىلەشكىلى ئاخىرى بۇنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۈم .

مەزكۇر قىستۇرما سىز ئالدىن بېكىتكەن ئالماشتۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن كونكرېت سۆزلەرنى ئاپتوماتىك تېپىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا تور يۈزىدىلا ئالماشتۇرىدۇ ساندانغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تېپىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قائىدىلىرىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز. ئىلگىرى بېكىتكەت قائىدىلىرىڭىزنى تېپىش ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL+F نى بېسىپ ئىزدەڭ . سىز ئالدىن بېكىتكەت ئىملا قائىدىلىرى توربېكىتىڭىز توركۆرگۈچكە يۈكلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىستۇرمىنى بىلبىلىك بىلوگى قايتا ئىشلەپ تارقاتتى !  قىستۇرما ئۆزى يەڭگىل سۈرئەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ….

قىستۇرمىدىن ئارىيە:

 

چۈشۈرۈش

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

بىر باھا

  1. بۇ قىستۇرمىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇسلۇپتىكى تەرجىمە قىلالمىغان تاپالمىغان خەنزۇچە ياكى ئېىنگىلىزچە خەتلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۋەتسەك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگىمۇ يىتەلەيدىكەنمىز، ھەقىقەتەنمۇ قالتىس قىستۇرمىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى