ساغلاملىق

جىگەر قېتىش كېسىلى بىمارى قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

جىگەر قېتىش جىگەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئەسلىگە قايتمايدۇ. قىسمەن بىمارلار كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشتىن ۋاز كېچىدۇ، لېكىن بىمارلار دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلىسىلا، ئۆمرىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتالايدۇ.

جىگەر قېتىش كېسىلى بىمارى قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ئۇنداقتا قايسى ئامىللار جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

1. داۋالاش ۋاسىتىسى

جىگەر قېتىشتىن ئىبارەت بۇ كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە زور ياردەم بېرىدۇ. بىمار شۇ جايدىكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ ئۆلچەملىك داۋالىنىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش رېتسېپ ۋە ئېلانلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك، چۈنكى خاتا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلارنى ئىچىش كېرەك.

2. داۋالاش ۋاقتى

كېسەل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقتىدا داۋالاشقا توغرا كەلسە، جىگەرنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا، بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ ھەمدە ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

جىگەر قېتىش كېسىلى بىمارى قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

3. يېمەك-ئىچمەك

جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك، بۇ جىگەر قېتىشنىڭ ئېغىرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قارشىلىق كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، بۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كېسەل بولغان مەزگىلدە، تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە يۇقىرى ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلغاندا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قاندۇرۇپ، ئوزۇقلۇق مېتابولىزمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكى بىمارنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولمىسا، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە كېچىچە ئۇخلىماسلىق جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزۈپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ئۆمرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىۋېتىدۇ. شۇڭا، جىگەر قېتىشقان بىمارلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىدىكى بۇ خىل يامان ئادەتلىرىدىن تاشلىشى كېرەك.

جىگەر قېتىش كېسىلى بىمارى قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

4. تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەمدۇ-يوق؟

جىگەر قېتىشقان بىمارلار قەرەللىك دورا ئىچىپلا قالماستىن، بەلكى دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، دورا ئۈنۈمىنى باھالىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئاساسلىقى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش، جىگەرنىڭ قاتتىقلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار زىيادە قورقۇش كېسىلى سەۋەبىدىن تەشۋىشلەنسە بولمايدۇ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىپ، كەسپىي دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلاشقاندىلا، ئاندىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى