يېمەك-ئىچمەك

ئاچچىقسۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئاچچىقسۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئاچچىقسۇ تۇرمۇشتىكى مۇھىم تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، بەش خىل تەم بولغان «چۈچۈمەل، تاتلىق، ئاچچىق، تۇزلۇق»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇق سەي تەييارلىغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ يېسە تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ، مەسىلەن، تەرخەمەك، ئاچچىق-چۈچۈك بەرەڭگە قەلەمچىسى، چۈچۈمەل گۆش پارچىسى قاتارلىقلار. بىراق ھازىر دائىم ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىش كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەيدىغان قاراش مودا بولۇپ قالدى، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال زادى قانداق؟ تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە ئاچچىقسۇ توغرىسىدىكى ئازراق بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى.

ئاچچىقسۇنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

ئاچچىقسۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىركە كىسلاتاسى، سىركە كىسلاتاسى ۋە ئىسپىرتتا ئېستېرلىشىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئاچچىقسۇ ئىچىش ھاراقنى يېشىش رولىنى ئوينايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بىر چىنە شورپا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ مەستلىكنى يېشىش، ئىشتىھانى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ، بىراق ئەڭ ياخشىسى ئاچچىقسۇ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازانغا بولغان غىدىقلاش ۋە زەخملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاچچىقسۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئاچچىقسۇنىڭ ھاراقنى يېشىپ بەدەننى روھلاندۇرۇش رولىدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن روللىرى بار. مەسىلەن، ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەرياڭىقى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاچچىقسۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقسۇ يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش، دېزىنفېكسىيىلەش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. قىش كۈنلىرى ئۆيدە ئازراق ئاچچىقسۇ قاينىتىپ ئىچسە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن.

ئاچچىقسۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئۇنداقتا، ئاچچىقسۇ كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ھازىرقى بىر خىل قاراش بولسا دائىم ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئاچچىقسۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىركە كىسلاتاسى بولۇپ، سىركە كىسلاتاسى ئاشقازان، ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى سۇ تەركىبى ۋە كاربون ئوكسىدىغا ئايلىنىدۇ، ھۈجەيرىدە مەلۇم مىقداردا سىركە كىسلاتاسى بولسىمۇ، ئەمما سىركە كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقسۇدا مول كالتسىيمۇ بار بولۇپ، ئىستاستىكا قىلىنىشىچە، 100 گىرام ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى 20 مىللىگىرام ئەتراپىدا ئىكەن، شۇڭا كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايلا قالماستىن، مەلۇم دەرىجىدە كالتسىي تولۇقلاش رولىنى ئوينايدىكەن. شۇڭا دائىم ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىش كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !