ساغلاملىق

ماي ئۆسمىسى دېگەن زادى نېمە؟ داۋالىمىسا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟

بەدىنىڭىزدە ھۈررەك پەيدا بولۇپ باققانمۇ؟ سىلىسىڭىز يۇمشاق تۇيۇلىدۇ، ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ، لېكىن دىققەت قىلىڭ، بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم ماي ئۆسمىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا ماي ئۆسمىسى دېگەن زادى نېمە؟ راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟ ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟

ماي ئۆسمىسى دېگەن زادى نېمە؟ داۋالىمىسا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟

بىرىنچى: ماي ئۆسمىسى دېگەن نېمە؟

ماي ئۆسمىسى بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ھەر قانداق ياغ بار ئورۇندا پەيدا بولۇش ئېھتىماللقى بار. ئۇ بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر كېسەللىكى بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇت-قوللىرىدا پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىقى تېرە ئاستىدا يۈز بېرىدۇ، پۇت-قولنىڭ چوڭقۇر قىسمى ۋە قورساق مۇسكۇل قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بالىلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.

چوڭقۇر قىسمىدىكى ماي ئۆسمىسى كۆپىنچە مۇسكۇللارنى بويلاپ ئۆسىدۇ، سۆڭەك پەردىسىگىچە چوڭقۇر بولىدۇ، لېكىن ئەتراپىدىكى سۆڭەكلەرگە ناھايىتى ئاز تاجاۋۇز قىلىدۇ. ماي ئۆسمىسىنىڭ زىيىنى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ غايەت زور ھەجمى يېقىن ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى بېسىپ، بىئاراملىق پەيدا قىلىپ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىنچى: نېمە ئۈچۈن ماي ئۆسمىسى پەيدا بولىدۇ؟

1. ماي ئۆسمىسى ئۆسمە فاكتورىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ فاكتور ھەر خىل ئىچكى-تاشقى مۇھىتنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، نورمال ياغ ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە بىر خىل نورمالسىز ئۆسۈش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ماي ئۆسمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەك ئامىلى جەھەتتە ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، دائىم سېمىز گۆش، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، قاسراقسىز بېلىق ياكى تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى يەپ بېرىش، يېڭىدىن پەيدا بولغان ياغ توقۇلمىلىرىنى زىيادە كۆپەيتىۋېتىپ، بەدەندە زىيادە كۆپ ياغ ھۈجەيرىلىرىنى يىغىپ قاتتىقلاشتۇرىدۇ.

3. خىزمەت بېسىمى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە ئادەمنىڭ ئىچى تىتىلداپ، نورمال ياغ توقۇلمىلىرى بىلەن قان ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت قوشقۇچى توقۇلمىلار ياغ ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ماي ئۆسمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ماي ئۆسمىسى دېگەن زادى نېمە؟ داۋالىمىسا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟

ئۈچىنچى: ماي ئۆسمىسى ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتەمدۇ؟

ماي ئۆسمىسى پەيدا بولغان ھامان ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بىماردا بۇ خىل بىر تەرەپلىمە قاراش بولماسلىقى كېرەك.

ماي ئۆسمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، پەيدا بولغان ھامان تەدرىجىي يوغىنايدۇ، ماي ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ياغ مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مەزگىللىك ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ غىدىقلاشمۇ بىماردا ماي ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ. ماي ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ دىياگنوزى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئەگەر بىماردا روشەن ئوپېراتسىيە قىلىش پەرھىزى بولمىسا، بىمارغا ئاكتىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بىمارنىڭ كېسىلىنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئىنتايىن زۆرۈر. بىمارنىڭ بەدەن ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئوپېراتسىيەدە ياخشى ناركوز قىلىش، بارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ سىلىق ۋە تېز بولۇشى، زىيادە قوشۇمچە زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش، ماي ئۆسمىسىنى ئۇنىڭ ئورىغۇچى پەردىسى بىلەن بىللە تولۇق كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك.

ماي ئۆسمىسى دېگەن زادى نېمە؟ داۋالىمىسا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟

4. ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتسە بولامدۇ؟ مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە راكقا ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ؟

بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغان مەسىلە، ماي ئۆسمىسى راك كېسىلىگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىك مەۋجۇت، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

مۇتلەق كۆپ قىسىم ماي ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ ياكى بەلگىلىك چوڭلۇققا يەتكەندىن كېيىن ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ، شۇڭا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ:

(1) ئۆسمە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ ھەمدە قاتتىقلىشىپ كەتسە؛

(2) ماي ئۆسمىسى يۈز، بويۇن قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولۇپ گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزسە؛

(3) ماي ئۆسمىسى نېرۋىنى بېسىۋېلىپ ئاغرىق پەيدا قىلىپ، بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى