ساغلاملىق

كۈندە بىر سىقىم قارىقات يېسە قان تومۇرلار راۋانلىشىدۇ

پۇت-قولى مۇزلايدىغانلار ھەر كۈنى ئۇششاق يېمەكلىك ئورنىدا يەپ بەرسە، پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەننى ئىللىتىدۇ. قارىقات تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بار بولۇپ، قان تولۇقلاش ۋە قان ئىشلەش ئۈنۈمىگە ئىگە، يەنە تېخى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. ئاياللارنىڭ پۇت-قوللىرى مۇزلاش ئالامەتلىرىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن بىر كۈن ئىسسىق ساقلايدۇ.

قارىقاتنىڭ مېۋىسى قارا رەڭلىك بولىدۇ، كىچىك ھەم شىرنىلىك كېلىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C، سىئانىدىن مول، ئۇنى بىۋاسىتە يېيىشكە بولىدۇ. مېۋە شىرنىسى، مېۋە مۇرابباسى، كونسېرۋا، ئىچىملىك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.

قارىقات تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئىگە:

كۈندە بىر سىقىم قارىقات يېسە قان تومۇرلار راۋانلىشىدۇ

  1. چىش مىلېكىنى چىڭىتىپ، چىشنى ئاسراش

سالامەتلىكىم ياخشى بولسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن چىشىڭىز ياخشى بولۇشى كېرەك، چىشىڭىز ياخشى بولسۇن دېسىڭىز، چىش مىلىكىڭىز ياخشى بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا چىش مىلېكىنىڭ ساغلاملىقىنى قانداق قوغداش كېرەك؟

ئەلۋەتتە بۇ نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ ۋىتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بەدەندە ۋىتامىن C كەمچىل بولغاندا، چىش مىلىكىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش مىلىكى يىگىلەپ چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قاناش قاتارلىق چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارىقاتتا ۋىتامىن C ناھايىتى مول، تېخىمۇ مۇھىمى يەنە كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بار.

2. جىگەر ئىقتىدارىنى ئاسراش

جىگەر «ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى»، جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىسا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يېتىدۇ. جىگەرنىڭ ھەر خىل زەخىملىنىشى بەدەندىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالى ۋە ماينىڭ پېروكسىدلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئادەم بەدىنىدىكى پېروكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆپەيتىش جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم.

قارىقاتتا كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ماددىلار بار، مەسىلەن، سىئانىدىن، ۋىتامىن C، فىلاۋون ۋە فېنول كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار.

3. قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى تەڭشەش، سوغۇقنى ھەيدەپ بالىياتقۇنى ئىللىتىش

قارىقات بەدەندىكى زىيادە كۆپ ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنى تازىلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. قارىقاتنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاپ، زۆرۈر بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.

كۈندە بىر سىقىم قارىقات يېسە قان تومۇرلار راۋانلىشىدۇ

قارىقات تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى مول بولۇپ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، بالىلار دائىم يېسە بويى ئۆسىدۇ.

قارىقات يەنە قان تولۇقلاش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ خىلىت پەيدا قىلىش، بۆرەكنى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئاياللار ئىستېمال قىلسا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، پۇت-قول مۇزلاش، قان ئازلىق قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ. قارىقات يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ۋە ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى