ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن تېرە كېسىلى بولۇپ قالغانلار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېسە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېرە كېسىلى بولۇپ قالغانلار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېسە بولمايدۇ؟

تېرە ئادەم بەدىنىنىڭ بىرىنچى فىزىئولوگىيىلىك مۇداپىيە لىنىيەسى ۋە ئەڭ چوڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ۋاقىت ئورگانىزمنىڭ فۇنكسىيەلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئورگانىزمدىكى ھەرقانداق غەيرىي ئەھۋال تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئەكس ئېتىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى تېرە كېسەللىكىدۇر.

تېرە كېسەللىكى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تېرە ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىش جەريانى ھەمدە ھەر خىل مۇناسىپ كىلىنىكىدىكى ئىلگىرى-كېيىن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. كىلىمات، سۇ سۈپىتى، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت ئامىلى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى تېرە كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

تېرە كېسەللىكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دوختۇرلار دائىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېمەسلىكنى تاپىلايدۇ. چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو تېبابىتىدە ئېيتىلىدىغان «چاچسىمان ماددا» بولۇپ، چاچسىمان ماددا مەلۇم كېسەللىكلەرنى ئاسان پەيدا قىلىدىغان ياكى كېسەللىك پەيدا بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ قىزىش، ئاچچىقلىنىش، نەملىشىشكە ياردەملىشىش، بەلغەم پەيدا قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىدە ھېستامىن بولىدۇ، ھېستامىن بولسا قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مىكرو قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان تولۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئورگانىزمدا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىپ، تېرە كېسەللېكىنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە تېخى قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما ۋە قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن تېرە كېسىلى بولۇپ قالغانلار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېسە بولمايدۇ؟

ئەمەلىيەتتە تېرە كېسەللىكى بىمارلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلىىش كېرەك. ئالدى بىلەن، تېرە كېسەللىرىدە ئىمكانقەدەر تاتىلاشتىن ساقلىنىش، تاتىلاش تېرىگە نىسبەتەن بىر خىل غىدىقلاش بولۇپ، سەللىمازا ساقايغان ياكى تىنچ ھالەتتە تۇرغان تېرە كېسىلى قايتا قوزغىلىپ، يامراپ ھەتتا يامانلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، تەڭگە تەمرەتكە ياكى جىددىي خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە تۈرىدىكى تېرە كېسەللىكلىرىدە بۈدۈر قىلىپ يۇيۇش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىل تېرە كېسەللىكلىرىدە قىسمەن قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئەگەر يەنە قىزىق سۇدا قىل قان تومۇرلارنى يۇيسا تېخىمۇ كېڭىيىپ، قىزىل ئىششىق تېخىمۇ روشەن بولۇپ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئاسانلا ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش ئادەمنىڭ تېرىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ياكى كۆپ شەكىللىك كۈن نۇرى ئەسۋىسى پەيدا قىلىدۇ، يەنە بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولمىسا بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرە كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان ھەم كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، بەزىلەر «پەقەت سىرتتىن دورا سۈركىسىلا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى