ساغلاملىق

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

سىز قەۋزىيەت بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال بار. قەۋزىيەت قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر پەقەت تاسادىپىي بىر قېتىم قەۋزىيەت بولۇپ، كۈتۈنۈش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ياخشىلانسا، بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

لېكىن دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دائىم قەۋزىيەت بولۇپ، بەدەندىكى توكسىننى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمىسە، تېرە ھالىتى ناچارلىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، توكسىن ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلمىسە، ئاشقازان، ئۈچەي تەرىپىدىن قايتا سۈمۈرۈلۈپ، چوڭ تەرەت تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

قەۋزىيەت ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلەرنىڭ بىرى، ئەگەر ۋاقتىدا تەڭشىمىگەندە، ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرگەندە بەك چىڭقىلىپ كەتسە، يەنە ئاسانلا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىسىز.

قەۋزىيەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار، بەزى يېمەكلىكلەرنى ئەگەر سىز دائىم يەپ تۇرسىڭىز، ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قايسى خىل كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەر، ئاسانلا قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

ھازىر بازارلاردا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، يەنە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، گۆش كونسېرۋاسى قاتارلىقلار، ئېلىپ يۈرۈش قولايلىق ھەم يېيىشلىك بولغاچقا، زور بىر تۈركۈم سادىق مەستانىلەرگە ئېرىشتى. لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. چۈنكى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، ئەلۋەتتە ھەر خىل خۇرۇچلارنى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمايدۇ.

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

ئوزۇقلۇق مىقدارى ئاز بولغاندىن باشقا، دائىم بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش يۈكى ئېغىرلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.

يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر

كۆپ ئۇچرايدىغان مايلىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: سېمىز گۆش، تاتلىق يېمەكلىك قاتارلىقلارنى يېگەندە بەك يېيىشلىك بولىدۇ، ئەمما بىز يېمەكلىك تاللىغاندا ئۇنىڭ يېيىشلىك ياكى ئەمەسلېكىنى ئويلاشماي ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىككە پايدىلىق ياكى ئەمەسلېكىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ نۇقتىنى قانائەتلەندۈرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ ھەرقانچە مەززىلىك بولسىمۇ، ئامال بار ئاز يەڭ.

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

نازۇك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلقش

ئۈچ ۋاق تاماق ھەر كۈندىكى ئەڭ ئاساسلىق تاماق بولۇپ، ئاساسلىق تاماق ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ زۆرۈر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. گۈرۈچ تامىقى، ھورنان ۋە چۆپ دائىم ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇلار نازۇك يېمەكلىكلەر بولۇپ، ھەر كۈنى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەمما بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىلا يەپ، تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولغان قارا ئاشلىقنى يېمىسىمۇ، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا، كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار تاماقلارنىمۇ يېيىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە بېنزوپىرېن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر دائىم ئىستېمال قىلىنسا، قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە ئاشقازان-ئۈچەيدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيىدا قىلشى مۇمكىنچىلېكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئاچچىق-چۈچۈك شورپا (麻辣烫)

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق-چۈچۈك شورپا يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە تەمى ئېغىر يېمەكلىك، بولۇپمۇ سىز ھەر قېتىم يېيىشتىن بۇرۇن ئارىلاشتۇرغان خۇرۇچ، يەنە ئاچچىق-چۈچۈك شورپىنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر تۇزلۇق بولۇپ، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يەنە قەۋزىيەت بولۇش مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قايسى خىل دائىملىق يېمەكلىكلەر قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؟

قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تۆۋەندىكى ئىككى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يېتەرلىك يېمەكلىك يېيىش كېرەك.

ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە سىزنى ھەر كۈنى كۆپ يېسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بەزى كىشىلەرنىڭ تاماق مىقدارى نىسبەتەن ئاز ياكى ئورۇقلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ھەر قېتىم ئازراق يەپلا تاماق يېمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ھەر قېتىملىق تاماق قوبۇل قىلىش مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسا، ئۇنداقتا ھەر قېتىملىق چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، چوڭ تەرەتنىڭ پەيدا بولۇشى تەسكە توختاپ، قەۋزىيەت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقنى بەك ئاز يېمەڭ.

يېتەرلىك سۇ ئىچىش

ھەر كۈنى كۆپرەك سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇماڭ، يېتەرلىك سۇ پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىشكە، چوڭ تەرەت قىلىشقا پايدىلىق. بەدەندە سۇ يېتىشمىگەندە، تېرە ناچارلىشىپ، قەۋزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى