تەبىئەت

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوۋلىغۇچىلار ئولجىسىنى تۇتۇپ يەيدۇ، ئوۋلىغۇچىلار ھەمىشە بىزگە ئاجىزلارنى بوزەك قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بىراق بىر قانچە «تىكەنباش»لارغا ھەتتا كۈچلۈك ئوۋلىغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئ‍ۇلارنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئ‍ەت قىلالمايدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

بۇ جانىۋارنى تونۇمدىكەنسىز؟ تونىۋالدىڭىز ھەقاچان

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

بۇنىچۇ؟

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

بۇمۇ بار، بۇ قانداق ھايۋان بولۇپ كەتتى ئ‍ەمدى، ھاھا، چاقچاق ھە، بۇ ھايۋان ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، تىكەنلىك ھايۋان تىلغا ئېلىنسا ھەممىمىزنىڭ كۆز ئ‍الدىمىزغا بىرىنچى بولۇپ كىرپە كېلىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

كىرپە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى كىرپىسىمانلار ئەترىتىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا پۈتۈن تېنىدە قىسقا ھەم زىچ تىكىنى بار، كىرپە خەتەرگە يولۇققاندا تۈگۈلۈۋېلىپ، تىكىنى سىرتقا قارىتىپ تىكەنلىك توپقا ئايلىنىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

بۇ تىكەنلەر ئەمەلىيەتتە كىرپىنىڭ تۈكى قاتقاندىن كېيىن شەكىللەنگەن، بەدەن تۈكى قېتىشىپ تىكەنگە ئايلىنىشتەك بۇ خىل تەدرىجىي تەرەققىيات شەكلى باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىمۇ بار. كىرپىنىڭ تىكىنى قىسقا ھەم زىچ بولۇپ، تېرىسىدىن ئاسانلىقچە ئاجرالمايدۇ، بۇ كىرپىگە تىكەنلىك ساۋۇت كىيدۈرگەنگە باراۋەر. ئەگەر بىرەر ئوۋچى بۇ تىكەنلىك شارچىنى تۇتۇپ باقماقچى بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

بەزى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىرپە ئەتراپىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى چاينىغاندىن كېيىن تىكەنگە سۈركەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ پۇرىقىنى ئۆسۈملۈك پۇرىقى ئ‍ارقىلىق يوشۇرۇپ قالالايدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى زەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زەھىرىمۇ تىكەندە قېلىپ، كىرپىنىڭ دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭگۈشتەرى بولۇپ قالىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

مەشھۇر تىكەنباشلارنىڭ بىرى جەيرە (豪猪كونا قۇرۇقلۇق جەيرىسى)

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

جەيرە ھەقىقىي تىكەنباش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مودا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تىكەنباش
بۇ خىل نەيزىسىمان تىكىنى بار غاجىلىغۇچىلار تۈركۈمىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تىكەنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ تىكەنلەر كىرپىگە ئوخشاشلا تۇتاملاپ قېتىشقان بەدەن تۈكلىرىدىن شەكىللەنگەن. لېكىن قۇرۇلما جەھەتتە كىرپىنىڭ تىكىنىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەيرە دۈشمەنگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغاچقا، جەيرەنىڭ تىكەنلىرى بىر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قورالغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

جەيرە دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ تىكەنلىرىنى تىكلەيدۇ ھەمدە ئۇنى تىترىتىپ «شار-شار» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ «قىزىل سىزىق»تىن ھالقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەگەر دۈشمەن ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلماي داۋاملىق ھۇجۇم قىلسا، خەتەرلىك پەيتتە جەيرە تىكىنى بىلەن دۈشمىنىنى قارىغا ئېلىپ، ئاندىن باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ!

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

تىكەن ئۇچىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمدىن ئۇششاق تەتۈر تىكەنلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ

تىكەن ئۈستىدە ناھايىتى كىچىك تەتۈر تىكىنى بولۇپ، دۈشمەننىڭ يۇمشاق توقۇلمىسىغا سانجىلغان ھامان جەيرەنىڭ تېنىدىن ئ‍اجراپ دۈشمىنىنىڭ تېنىدە قالىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

ۋاي بىچارە، كۆزگە ئ‍ىلمىغان تىكەن يۈزگە سانجىلىپتۇ
سانجىلىپ كەتكەن تىكەنلەر ئوۋلىغۇچىلاردا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ تىكەنگە سانجىلىپ ئۆلگەن مىساللارمۇ باركەن.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

جەيرەنىڭ تىكىنى بويۇن قىسمىغا سانجىلىپ ئۆلگەن قاپلان
بىز يەنە كىرپە ۋە جەيرەنىڭ تىكەنباش ئۇكىلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

كىرپە بىلەن تەقى-تۇرقى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېخىدنا (针鼹 ئىنچىكە قۇيرۇق قارىغۇ چاشقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، گەرچە بىز ئۇنى كىرپىنىڭ كىچىك ئىنىسى دەپ ئاتىساقمۇ، لېكىن كىرپە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەكسىچە ئۆردەكتۇمشۇق ۋە چۈمۈلىخور قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن يېقىن مەنبەگە تەۋە.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

يېخىدنانىڭ تەتۈر تىكىنى بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر جەيرە بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەرىكەت جەھەتتە خەتەرگە يولۇققاندا يېخىدنا تۈگۈلۈپ بەدىنىنى سىرتقا چىقىرىپ دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، بۇ كىرپىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

يەنە بىرى ماداغاسقار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا تارقالغان كىرپە ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋان، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىكى يوللۇق كىرپە. مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىكى كىرپىنىڭ دۈمبە قىسمى بىلەن بەدەن تۈكلىرى گىرەلىشىپ ئۆسكەن تىكەنلىك بولۇپ، بۇ تىكەنلەر ئادەتتە زەھەرلىك ئەمەس، ئەمما دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا بويۇن قىسمىنى كۆتۈرۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەنلەرنى سانجىپ زەخىملەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ، لېكىن كىرپىنىڭ تىكىنى كىرپىدەك ئۇنداق زىچ ئەمەس، جەيرەنىڭكىدەك كۈچلۈك قىرغىنچىلىق كۈچىمۇ يوق.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

يەر بېغىرلىغۇچىلار ئىچىدىمۇ تىكەنباشلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن: ئەڭ تىپىك تىكەنلىك كەسلەنچۈك (棘蜥)نىڭ تۇرقى غەرب ئەپسانىلىرىدىكى ياۋۇز كەسلەنچۈككە ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، قانخور كەسلەنچۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىكەنلىك كەسلەنچۈكنىڭ پۈتۈن تېنى قاتتىق تىكەنلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ تىكەنلىرى ئەمەلىيەتتە تەڭگىچە شەكىللىك، ھېچكىم بۇ ئۆتكۈر تىكەنلەرنىڭ سانجىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، بۇ تىكەن كەسلەنچۈكنىڭ دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭگۈشتەرى.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

تىكەنلىك كەسلەنچۈككە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك (角蜥)نىڭ تېرىسىدىمۇ تىكەنسىمان تەڭگىچىلەر بولىدۇ، بۇ تىكەنلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش رولى بولمايدۇ، پەقەت مۇداپىئە قىلىش رولىنىلا ئوينايدۇ.
دېڭىزدا تىكەنلىك ھايۋانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن دېڭىز كىرپىسىنى ئەسلەيدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق…

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

توختاڭ… بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز تىكەن، تىكەن! توغرا دېڭىز كىرپىسى!

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

دېڭىز كىرپىسى (海胆) تىكەن تېرىلىك ھايۋانلارغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ تېنى بىر قەۋەت شارسىمان ياكى تەخسىسىمان سىرتقى قاپ بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، سىرتقى قېپى تىكەنلەر بىلەن تولغان. سورتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تىكەننىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە 1 ~ 2 سانتىمېتىر بولىدۇ، بەزى تىكەنلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا 10 ~ 20 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تىكەنلەرگە نۇرغۇن ئىندۇكسىيەلىك ھۈجەيرىلەر تارقالغان، شۇڭا تىكەنگىمۇ ئىندۇكسىيەلىك ئىقتىدار يۈكلەنگەن بولۇپ، دېڭىز كىرپىسىنىڭ سىرتقى دۇنيادىكى نۇرلارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، سۇ ئېقىنىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ھەمدە سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى قاتارلىقلارنى سېزىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

دېڭىز كىرپىسىنىڭ بەزى تۈرلىرىنىڭ تىكەنلىرىنىڭ ئۇچىدا زەھەرلىك خالتا بولۇپ، توكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ توكسىنلار ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئوخشاش بولمىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئادەمگە بولغان زەھەرلىشىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، سانجىلىپ كەتسە قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا بەزى كىچىك ھايۋانلارنى ناركوز قىلىش ۋە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش رولى بار.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

پېترو بېلىقى (蓑鲉) ئادەتتە لىپارىس بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە مۆتىدىل بەلباغنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن مارجان خادا تاشلىرىدا ياشايدۇ. بۇ خىل گۈزەل بېلىق تۈرى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇلارنىڭ دۈمبە ئۈزگۈچىسى بىلەن كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ئۇزىراپ تىكەنسىمان ھالەتكە كەلگەن، شۇڭا بۇ قىلتىرىقلار ئەمەلىيەتتە پالاقچىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، زەھەر بېزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ نەشتەرلەرنىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر ئىنسانلارغا نەشتەر سانجىلىپ قالسا قاتتىق ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشىدىن كېتىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىزدىكى تىكەنباشلار تىلغا ئېلىنسا، تىكەنلىك دىيودون بېلىقى (刺鲀) چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. دىيودون بېلىقىنىڭ پۈتۈن تېنى تەڭگىچىلەردىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، بۇ تىكەنلىرى ئادەتتە تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېتىۋالىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

خەتەرگە يولۇققاندا دىيودون بېلىقى ھەش-پەش دېگۈچە زور مىقداردىكى دېڭىز سۈيى ياكى ھاۋانى سۈمۈرۈۋېلىپ، بەدىنىنى تېز سۈرئەتتە كۆپتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەشتىرىنىمۇ سىرتقا تىك تۇرغۇزۇپ سىرتقى كۈشەندىسىدىن قوغدىنىدۇ.

ھايۋانلار دۇنياسىدىكى «تىكەنباش»لارغا نەزەر

ياپونىيەدە دىيودون بېلىقى «يىڭنىسىمان كىلون» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى مىڭلىغان قىلتىرىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تال تىكەنسىمان ئالاھىدىلېكىنى بىر ئىسىم قىلىپ نام قويغان، بۇنىڭدىن«تىكەن باش دۇنياسى»دا دىيودون بېلىقىنىڭ ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى