ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، خەلقئارا ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنى تەشەببۇس قىلىش جەمئىيىتى (IAVI) ۋە Scripps تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ، بىرىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىدە ئۈمىدلىك نەتىجە بارلىققا كەلگەنلېكىنى جاكارلىدى.

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل ۋاكسىنا ئاز ئۇچرايدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك غىدىقلىغان، بۇ ھۈجەيرىلەر يەنە ئانتىتېلا ھاسىل قىلىشقا باشلىغان شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە توساتتىن ئۆزگىرىدىغان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالىغان. ۋاكسىنا ئەملەشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ %97 دە قاراتمىلىقى بولغان ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەن.

HIV ۋىرۇسى ئىزچىل تۈردە ۋاكسىنا بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغان ۋىرۇسلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، چۈنكى HIV ۋىرۇسى ئۈزۈكسىز تۈردە ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس تۈپىگە ئۆزگىرىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى HIV ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىنىڭ گەۋدىلىك نەتىجىسى بولسا، مەزكۇر تەتقىقاتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىرى، دوكتور فرېد خاچىنسون ۋە راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور جۇلىيا مېچىلنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «بۇ بولسا ئەيدىز كېسەللىكى ۋاكسىنىسى ساھەسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى».

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

Scripps تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىممۇنىتېتشۇناسى دوكتور ۋېلىيام سېچىف، خەلقئارا ئەيدىز جەمئىيىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى (HIVR4P) دا ئېچىلغان يىغىندا بۇ نەتىجىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى بولسا، يېڭى تىپتىكى HIV ۋاكسىنىسىنىڭ ئاچقۇچىسى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى HIV يېڭى ۋاكسىنىسى ئۇقۇمىنى ئىسپاتلىدى، بۇ ئۇقۇمنى باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن يەر شارىدا 38 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئەيدىز ۋىرۇسى تەتقىقاتچىلىرى ئىزچىل تۈردە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئاز ئۇچرايدىغان، ئەمما كۈچلۈك ئانتىتېلانى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل ئەيدىز ۋىرۇسى تۈپىنى نېيتراللاشتۇرالايدىغان «مۇقەددەس ئىستاكان» نى بارلىققا كەلتۈردى.

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

بۇ ئالاھىدە قان ئاقسىلى «كەڭ دائىرىلىك نېيتراللاشقان ئانتىتېلا (bnAbs) » دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار HIV ۋىرۇس زەررىچىلىرىنىڭ يۈزىدىكى تىكەنلىك ئۆسۈكچىلەر ئاقسىلىغا يېپىشىۋالىدۇ ھەمدە بىرىكىش مۇھىم بولغان، ئەمما كىرىش قىيىن بولغان رايونلار ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان HIV ۋىرۇسى تۈپلىرى ئارىسىدىكى ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس.

Scripps تەتقىقات ئورنى ئىممۇنولوگىيە ۋە مىكرو بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دەننىس بورتۇن مۇنداق دېدى: «بۇ پۈتكۈل ۋاكسىنا ئىلىمى ساھەسىدىكى غايەت زور نەتىجە، بۇ كىلىنىكىلىق تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىز ئالدىن مۆلچەرلەش ھەمدە ئىممۇنولوگىيەلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ۋاكسىنا ياساپ چىقالايمىز، بۇ پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىغىلا قارىتىلغان ئەمەس، بۇ خىل تاكتىكىنى باشقا رىقابەتچانلىققا ئىگە كېسەللىك قوزغاتقۇچى ۋاكسىنىلاردىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام، دېنگې قىزىتمىسى، زىكا ۋىرۇسى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە بەزگەك قاتارلىقلار».

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

ناھىيەسىگەرچە ئارقا-ئارقىدىن زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئەيدىز كېسىلىنى يېڭىش ئىرادىسىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، جېلىدې ئىلىم ـ پەن شىركىتى بىلەن Gritstone تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ھەمكارلىق، تاللاش ھوقۇقى ۋە ئىجازەت بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ۋاكسىنا ئاساسىدىكى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كېلىشىمدىكى ماددىلارغا ئاساسەن، جېلىدې ئىلىم ـ پەن شىركىتى HIV داۋالاش خاراكتېرلىك ۋاكسىنىسىنى بىرىنچى قارارلىق تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەزكۇر ھەمكارلىق تۈرىدە مۇستەقىل تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بىرىنچى قارارلىق تەتقىقاتتىن كېيىن HIV داۋالاش خاراكتېرلىك ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تاۋارلاشتۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 كە يەتتى

يەر شارى كىلىنىكىلىق تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە سىناق قىلىنىۋاتقان ياكى سىناق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسى كىلىنىكىلىق سىناق تۈرى تەخمىنەن 10 خىل ئەتراپىدا بولۇپ، پەقەت HIV بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىلىنىكىلىق سىناق 7815 خىل ئىكەن.

بۇ قېتىمقى IAVI ۋە Scripps تەتقىقات ئورنىنىڭ، يېڭى تىپتىكى ئەيدىز ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق نەتىجىسى روشەنكى يەنە يېڭى ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، بىز خۇددى تارىختا كىشىلەرنى ئامالسىز قالدۇرغان چېچەك، خولېرا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا، ئەيدىز كېسەللېكىنىمۇ يوقىتالايمىز.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى