ساغلاملىق

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

«ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش» ناھايىتى سىرلىق بىر «كېسەل»، بەلكىم بۇ كېسەل ئاياللارغا ناتونۇش ئەمەس، دانىخورەك چىقىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىقلارنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش دەپ تۈرگە ئايرىيدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش دېگەن نېمە؟
ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى چوڭ ئائىلە بولۇپ، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە، مېڭە ئاستى بېزى، قالقانسىمان بەز، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك ئۈستى بېزى ۋە جىنسىي بەز قاتارلىق كۆپلىگەن بەز تەنچىلىرى ھەمدە باشقا ئەزالارغا تارقالغان ئىچكى ئاجراتما توقۇلمىلىرى ۋە ھۈجەيرىلەرنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ھەر خىل ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ۋە نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزم ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھەر خىل ھورمۇنلار تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ، ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ سىستېما قالايمىقانلاشسا سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ئەڭ ئاسان بۇ ئالتە خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. يۈزگە داغ چۈشۈش
ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىپ كېتىشنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، %28.2 ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئاياللارنىڭ يۈز قىسمىدا سارغۇچ قوڭۇر داغ، سەپكۈن پەيدا بولغان، ھەر خىل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسىمۇ تېرىنى ياخشىلىغىلى بولمىغان.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

2. ئاياللار كېسىلى
ئاياللاردا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى ناھايىتى ئومۇملاشقان، مەسىلەن: ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز مىقدارى تەرتىپسىز بولۇش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سۈت بېزى كېسەللىكىمۇ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش
بالىلاردىكى بالدۇر يېتىلىش، پاكارلىق قاتارلىق ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشماقتا.
12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش4. دىيابېت كېسەللىكى
دىيابېت كېسەللىكى ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزمى بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە دىيابېت كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %11تىن ئاشىدۇ، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار تەخمىنەن 120 مىليونغا يېتىدۇ.
5. تۇغماسلىق
ھامىلىدار بولالماسلىقمۇ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ بىر ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى چوڭ مېڭە تېرىسىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىنى تەڭشىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئىنكاسى سەزگۈر بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن رېفلېكسلىق ھالدا ئىچكى ئاجراتمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تەخمىنەن %15 ~ %10كېچە بولغان تۇغماسلىق نىسبىتىنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

6. قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى
ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلاشسا قالقانسىمان بەزنىڭ نورمال ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تەسىر يېتىپ، قالقانسىمان بەزگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللاردىكى بەزى ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولغان مەزگىللەردە، مەسىلەن: ھامىلىدارلىق، بالا ئېمىتىش، ھەيز توختىغاندىن كېيىن تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئانىلىق پىروگېستىننىڭ (雌孕激素) ئاجرىتىپ چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قالقانسىمان بەزدىن ئىبارەت بۇ ئەزاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھورمۇننىڭ داۋالغۇشى قانچە چوڭ بولسا، قالقانسىمان بەزگە تەسىرى شۇنچە چوڭ بولۇپ ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشى، ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئامىل. سىزنىڭ ئىچكى ئاجراتمىڭىز نورمالمۇ؟ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!
1. ئاسان چارچاش: دائىم سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چارچاش كۆرۈلىدۇ، بەدەن قۇۋۋىتى ۋە چىدامچانلىقى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى، ئىشتىھاسىنىڭ داۋالغۇشى، تەرەتنىڭ نورمال بولماسلىقىغا ئەگىشىپ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

2. بەدەن ئاغرىش: بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى دائىم ئاغرىيدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە بەل ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
3. چاچ چۈشۈش: ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىنكى ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىش قاتارلىقلار ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەممىسى چاچ شالاڭلىشىش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ۋە ياغ تەپچىرەش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

4. تېرە ناچارلىشىش: يۈز قىسمى بوشاپ قورۇق پەيدا بولۇش، قارا داغ ۋە دانىخورەك پەيدا بولۇش، بۇ ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى تېرە يېغىنىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىرتقا چىقىرالماي تۈك خالتىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
5. چاچ ۋە تۈكلەر كۆپ بولۇش: ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولسا، ئاياللاردىمۇ چاچ ۋە تۈكلەر كۆپ بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
6. سېمىزلىك: بەزى كىشىلەر سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ سەمرىيدۇ، بۇ كۆپ ھاللاردا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغانلىقتىن، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر خىل مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. قان بېسىمى بىنورمال بولۇش: تۇيۇقسىز قان بېسىمى نورمال بولماسلىق، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، دائىم زۇكام بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

ئاچچىقلىنىشتىن كېرىلىشكىچە … (5) بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېببى ئۇچۇرلار

8. مىجەزى ئىتتىك بولۇش: بەزى ئاياللاردا ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن دائىم بىئارام بولۇش تۇيغۇسى بولىدۇ، مەسىلەن: كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، مىجەزى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
9. سۆڭەكنىڭ ئۆزگىرىشى: ھەرىكەت قىلغاندا سۆڭەك ئاسان سۇنۇپ، دۈمچەك بولۇپ قېلىش، بويى پاكارلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

10. ئۇيقۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراش: دائىم ئۇيقۇغا قانماسلىق ياكى ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئانىلىق ھورمۇن زىيادە تۆۋەن بولغاندا كېچىسى تەرلەش، ھۆل ئىسسىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
11. ئاشقازان – ئۈچەي نورمالسىزلىقى: ھورمۇننىڭ ئادەم بەدىنىنى تەڭشىشى ھەر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇن، ھامىلىدارلىق ھورمۇنى قاتارلىقلارنىڭ سەۋىيەسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
12. جىنسىي ھەۋەس ئاجىزلاش: مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تېنىدە تېستوستېرون (睾酮) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل جىنسىي ھەۋەس ھورمۇنى بولىدۇ، ئۇنىڭ سەۋىيەسى بەك تۆۋەن بولسا جىنسىي ھەۋەس ئاجىزلايدۇ.
نەتىجە تەھلىلى:
★3تىن تۆۋەن بولسا: ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئاساسەن نورماللىقىنى بىلدۈرىدۇ؛
★4 ~ 8 بولسا: ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛

★9دىن يۇقىرى بولسا: ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

12 خىل بىشارەتتىن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىش

ئىچكى ئاجراتمىلارنى مۇۋاپىق تەڭشەشتىكى تۆت ئ‍ىش:
ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش ئۈچۈن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئ‍ۆزگەرتىش كېرەك.
★يېمەك ئىچمەكنى تەڭشەش؛
★تۈنىمەسلىك؛
★ھەرىكەت قىلىش؛
★ھاۋا ۋە قان يېتەرلىك بولۇش.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى