تەرمىلەر

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئالبېرت ئېينشتېين (1879-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلۇپ 1955-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن) گېرمانىيەنىڭ ۋىتتېنبۇرگ پادىشاھلىقى ئۇرم شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1888-يىلى توققۇز يېشىدا ئېينىشتېين لۇيپولد تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇشقا كىرگەن.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1891-يىلى 12 ياشقا كىرگەن ئېينشتېين ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ماتېماتىكىغا قىزىقىپ قېلىپ شۇنىڭ بىلەن ئالىي ماتېماتىكىنىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1896-يىلى ئېينىشتىيىن ئاراۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېينىشتىيىن سيۇرىخقا كۆچۈپ كەلدى. ھەمدە شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدە ئوقۇدى. 1900-يىلى 8-ئايدا سيۇرىخ فېدېراتسىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1903-يىلى، 24 ياشقا كىرگەن ئېينىشتىيىن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى مىلېۋا مالىك بىلەن توي قىلدى. سۈرەتتە ئېينىشتىيىن ۋە ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1905-يىلى 3-ئايدا، ئېينىشتىيىن «كۋانت نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلدى. ھەمدە فوتون قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ فوتو ئېلېكتىر ئېففېكتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1908-يىلى 10-ئايدا، ئېينىشتىيىن بېرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشتات سىرتىدىكى لېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. 1909-يىلى 10-ئايدا بېرن پاتېنت ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ نەزەرىيە فىزىكىسىنىڭ دوتسېنتى بولدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1912-يىلى ئېينىشتىيىن «فوتوخىمىيە ئېكۋىۋالېنتى» قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1913-يىلى 10-ئايدا، ئېينىشتىيىن گېرمانىيەگە قايتىپ بېرلىن ۋىليام فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋە بېرلىنخونبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولدى. ھەمدە پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلاندى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1914-يىلى 4-ئايدا، ئېينىشتىيىن گېرمانىيە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ بېرلىنغا كۆچۈپ كەلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1915-يىلى 11-ئايدا، ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ مۇكەممەل شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە مېركۇرىينىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىدىكى ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەندۈردى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئېينىشتىيىن ئادەتتە پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە پەلسەپەدىن ئىدىيەۋى ئوزۇق ئالىدۇ. 1916-يىلى 3- ئايدا ئۇ خۇلاسە خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالە «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى» نى تاماملىدى. شۇ يىلى 5-ئايدا يەنە ئالەم بوشلۇقىنىڭ چەكلىك چىگرىسىزلىقى توغرىسىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1919-يىلى 40 ياشلىق ئېينىشتىيىن مېلېۋا بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ نەۋرە ئاچىسى ئېرسا بىلەن توي قىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1921-يىلى 42 ياشلىق ئېينىشتىيىن فوتو ئېلېكتىر ئېففېكتى تەتقىقاتى بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1921-يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو، بوستون ۋە پرىنسېتوننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيەسى توغرىسىدا تۆت قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1922-يىلى 7-ئايدا، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئېينىشتىيىن بېرلىندىن ۋاقتىنچە ئايرىلدى. ھەمدە بۇ سەپەردە كولومبو، سىنگاپور، شياڭگاڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1921-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيە ۋە شاڭخەيگە بېرىش سەپىرىدە، ئېينىشتىيىن تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 1921-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلېكىنى بىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1924-يىلى 12-ئايدا ئېينىشتىيىن ئىستاتىستىكىنىڭ ئۆرلەش-پەسىيىش تەھلىلىدىن دولقۇن بىلەن ماددىنىڭ بىرىكىشىدىن ئىبارەت مۇستەقىل دەلىللەشكە ئېرىشتى. ھەمدە يەنە بوزې- ئېينىشتىيىن ئۇيۇش ھالىتى (فىزىكىلىق ھالەتنىڭ نامى) نى بايقىدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1925-يىلى ئېينىشتىيىن «ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسى ۋە فىزىكىسى» نى ئېلان قىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1927-يىلى ئېينىشتىيىن قاتارلىقلار 5-نۆۋەتلىك سولۋى يىغىنىغا قاتناشتى. ھەمدە ئەينى چاغدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى پروفېسسور ۋە پېشۋالار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1929-يىلى 2-ئايدا، ئېينىشتىيىن «بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلدى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1932-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، فاشىزمغا قارشى تۇرغانلىقتىن ئېينىشتىيىن بىلەن ئايالى گېرمانىيەدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كەتتى. ھەمدە كېيىنكى يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

1939-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئېينىشتىيىن سىلادنىڭ تۈرتكىسىدە زۇڭتۇڭ روزۋېلتقا مەكتۇپ يوللاپ ئامېرىكىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىدا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئېينىشتىيىننىڭ «ئوماق» سۈرىتى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئېينىشتىيىن نۇتۇق سۆزلىمەكتە. ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيەسى نەزەرىيەسىنى ئىجاد قىلغاندا دەسلەپتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. لېكىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئىلمىي تەجرىبىلەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېينىشتىيىن بىردىنلا دۇنياغا تونۇلۇپ 20-ئەسىردىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم دېگەن نامغا ئېرىشتى.

ئېينىشتىيىن: 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم-پەن پېشۋاسى

ئېينشتېين تۇرمۇشتا ئەڭ قەدىرلەيدىغان بۇيۇم يەنە ئىسكىرىپكا ۋە غاڭزا. ئېينىشتىيىن ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت بىزنىڭ تەبىئىتىمىزنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدا نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەيتتى، شۆھرەتپەرەسلىك قىلمايتتى. ھەتتا ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ مۇسىبەت خەۋىرىنى بەرمەسلىكنى، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى