تەبىئەت

فوتوگراف مالايسىيادىكى باغچىدا «ئېينشتېين»غا ئوخشايدىغان مايمۇننى بايقىدى

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

66 ياشلىق فوتوگراف Mihail Nazarov مالايسىيا دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدا ئېينشتېينغا ناھايىتى ئوخشايدىغان بىر مايمۇننى بايقىغان. مايمۇننى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا بۇ ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف ئۇنىڭ ئېينشتېين بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئاپپاراتىنى ئېلىپ بۇ دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئېينشتېيننىڭ ماتېرىيال سۈرىتى. كۆپچىلىك، سىلەرچە ئوخشامدىكەن؟

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ مايمۇننىڭ پۈتۈن چىرايىنى قورۇقلار قاپلىغان بولۇپ، چوڭ كۆزلىرى، تىك ھالەتتىكى ئاقارغان چاچلىرىدىن گەرچە ئۇ تېخى بالا ھالاتتىكى مايمۇن بولسىمۇ، بىراق قېرىلىق يەتكەن ھالىتى ئېينشتېيننىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

فوتوگراف Mihail Nazarovنىڭ پارىژ Grevin مۇزىيىدا ئېينشتېيننىڭ ھەيكىلى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

فوتوگراف Mihail Nazarov مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئېينشتېينغا ناھايىتىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئۆيگە قايتىپ تارتقان سۈرەتلەرنى قايتىدىن كۆرۈپ، بۇ مايمۇن بىلەن ئېينشتېين ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.»

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى