تەرمىلەر

ئېينشتېيننىڭ كىلاسسىك سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

1. مەن ئەزەلدىن كەلگۈسىنى ئويلىمايمەن. چۈنكى ئۇ بەك تېز يېتىپ كېلىدۇ.
2. مائارىپ بىر ئادەم مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان نەرسە.
3. ۋاقىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ھەرقانداق ئىشنىڭ دەرھال ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

4. ھەممە ئادەم تۇغما تالانتقا ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئەگەر دەرەخكە يامىشالايدىغان ياكى چىقالمايدىغانلىقىغا قاراپ بىر تال بېلىقنى باھالىسا، ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى ئەخمەق دەپ قارايدۇ.
5. ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

6. ھاياتلىق سىزگە لازىملىق نەرسىلەرنى بېرىدۇ، پەقەت ئۇنىڭدىن توختىماي تەلەپ قىلسىڭىزلا، سىز ئالماقچى بولغان ۋاقىتتا ئېنىق سۆزلىسىڭىزلا بولىدۇ.
7. پوزىتسىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىق خاراكتېر جەھەتتىكى ئاجىزلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
8. لوگىكا سىزنى A دىن B غا باشلاپ بارىدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز سىزنى ھەرقانداق يەرگە ئاپىرىدۇ.

9. تالانت بىلەن ئەخمەقلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولسا تالانتنىڭ چېكى بولىدۇ.
10. ئەگەر بىر ئوي باشتىلا بىمەنە بولمىسا، ئۇنىڭدا ئۈمىد يوق بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

11. تالانت بىلەن تىرىشچانلىق ئوتتۇرىسىدا، مەن ئىككىلەنمەستىن كېيىنكىسىنى تاللايمەن. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق نەتىجىلەرنىڭ تۇغۇت ئانىسى.
12. ئادەمنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاش بىر ئاتومنى پارچىلاشتىنمۇ تەس.
13. ساۋات ئادەمنىڭ 18 ياشقا كىرگۈچە يىغىلىپ قالغان تۈرلۈك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدىن ئىبارەت.

14. قولىڭىزنى شامنىڭ ئۈستىدە بىر مىنۇت تۇتۇپ تۇرسىڭىز، بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز. بىر چىرايلىق قىزنىڭ يېنىدا توپتوغرا بىر سائەت ئولتۇرسىڭىز، بىر مىنۇتلا ئۆتكەندەك ھېس قىلىسىز. مانا بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى.
15. بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھامان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم، چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىش بەلكىم ماتېماتىكا ياكى تەجرىبە جەھەتتىكى ماھارەت بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، يېڭى مەسىلە، يېڭى مۇمكىنچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كونا مەسىلىلەرگە يېڭى نۇقتىدىن قاراش ئۈچۈن ئىجادىي تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇشى كېرەك، يەنە كېلىپ ئۇ پەننىڭ ھەقىقىي ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

16. مەن بەك ئەقىللىق ئەمەس، پەقەت مەن مەسىلە بىلەن ئۇزاقراق چىقىشىپ ئۆتىمەن.
17. ئادەمنىڭ پەرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پەيدا بولىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلار بىر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرالايدۇ، يەنە بىر ئادەمنى ھالاكمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ.
18. بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق دەرىجىدە ۋە قانداق مەنىدىن ئازاد قىلىشىغا باغلىق بولىدۇ.

19. تۇرمۇشتىن ئاغرىنماڭ، ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. كۈچلۈكلەر ئەزەلدىن تۇرمۇشتىن ئاغرىنمايدۇ.
20. دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئىش كاللىسى ۋە كۆڭلى دۇرۇس بىر نەچچە دوستنىڭ بولۇشىدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

21. توي تۇرمۇشى مەدەنىيلىك تونىغا ئورۇنىۋالغان قۇللۇق تۈزۈم.
22. كىچىك ئىشلاردىمۇ ھەقىقەتكە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرگە چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
23. ئىككى خىل نەرسە چەكسىز، ئالەم ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەخمەقلىقى.

24. تەلەي سىناش دېگەن ئىش بولمىسا، ئەڭ تاسادىپىي تاسادىپىيلىقمۇ ئىشنىڭ مۇقەررەرلىكى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
25. نوپۇزغا بولغان كەمسىتىشىمنى جازالاش ئۈچۈن، تەقدىر مېنى نوپۇزغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

26. سىناپ بېقىشتىن ۋاز كەچمىسىڭىزلا، مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايسىز.
27. بىر چوڭ چەمبەر مەن ئۆگەنگەن بىلىملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن چەمبەر سىرتىدا شۇنچە كۆپ بوشلۇق بار، بۇ مەن ئۈچۈن نادانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەمبەر قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئايلانمىسى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇنىڭ سىرت بىلەن بولغان قۇرۇق تېگىشىش يۈزى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەن چۈشەنمەيدىغان جاينىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

28. ئاددىي-ساددا تۇرمۇش مەيلى جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن بولسۇن، ھەر بىر ئادەمگە پايدىلىق.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى