ساغلاملىق

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

ئۇرتىكارىيە (قىچىشقاق ياكى يەلتاشما) بولسا بىر خىل تېرە كېسەللىكى، تېرىدە تېز سۈرئەتتە ئوچۇق قىزىل ياكى ئاقۇش رەڭلىك مونەكچە پەيدا بولۇپ، بارا-بارا يامراپ تاياقسىمان ياكى كاللەكسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

يەلتاشما كۆپ ھاللاردا قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئوتتەك قىزىش ياكى سانجىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرىدە كۆرۈلىدۇ، يۈز، كالپۇك، تىل، گال ۋە قۇلاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى نەچچە سائەت، نەچچە ھەپتە، ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ.
يەلتاشما كېسىلى(荨麻疹) قوزغالغاندا بىمارنى بىئارام قىلىپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا يەنە نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا يەلتاشما كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى چوقۇم چۈشىنىپ، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

قايسى ئامىللار يەلتاشما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؟
❖بەزى يېمەكلىكلەر(بولۇپمۇ يەرياڭىقى، تۇخۇم، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر)؛

❖دورىلار مەسىلەن: ئانتىبېيوتىكلار (بولۇپمۇ پېنىتسىللىن (青霉素)، سۇلفا دورىسى (磺胺药剂) ئاسپىرىن، بروفېن (布洛芬 )؛
❖ھاشاراتلار چېقىۋېلىش؛
❖فىزىكىلىق غىدىقلاش، مەسىلەن: بېسىم، سوغۇق، ئىسسىق، ھەرىكەت ياكى يورۇقلۇق؛
❖ئېمۇلسىيە (乳胶)؛
❖قان بېرىش؛
❖باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ۋە زەھەرلىك يىرىڭ خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق-كېكىردەك ياللۇغى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
❖ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش، ئادەتتىكى زۇكام، يۇقۇملۇق تاق يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش، جىگەر ياللۇغىنى ئ‍ۆز ئ‍ىچىگە ئ‍الىدۇ؛
❖ئەرمەك ھايۋان يۇڭ كېپىكى؛
❖گۈل چېڭى؛
❖بەزى ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن: زەھەرلىك دۇب دەرىخى، زەھەرلىك پېلەك؛

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

يەلتاشمانىڭ توققۇز خىل تىپى
1. ئۆتكۈر يەلتاشما
جىددىي خاراكتېرلىك قوزغىلىش، زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز تارقىلىپ پۈتۈن بەدەننى قاپلاپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى نەچچە سائەتتىن نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئەمما ئادەتتە ئالتە ھەپتىدىن ئاز بولىدۇ، ئادەتتە بىر نەچچە كۈندىلا يوقاپ كېتىدۇ.
ئادەتتە يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىق بۇ خىل جىددىي خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن باشقا ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىق ئەسلىدە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، تۇخۇم، بېلىق، كىسلاتا تۇغۇندىلىرى ۋە بەزى يېمەكلىك پىگمېنتلىرىدىن ئىبارەت. باشقا زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى يەنە ئانتىبىيوتىكلار، ھەسەل ھەرىلىرى ياكى سېرىق ھەرىلەر چېقىۋالغان، بەزى پۇراقلىق ماتېرىياللار بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل تۈردىكى يەلتاشما زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىپ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

2. سوزۇلما يەلتاشما
يەلتاشما كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشى ئالتە ھەپتىدىن ئ‍ېشىپ، ھەتتا يىل بويى كۆرۈلىدۇ(بەزىلىرى ھەتتا 20 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ) بولۇپمۇ كېچىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى تېپىش بىر قەدەر تەس، ھەتتا كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

3. دورا يەلتاشمىنى پەيدا قىلىدۇ
زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىلار: ئاسپىرىن، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار، سپازمىلىنىشقا قارشى دورىلار، دىيابېت كېسەللىكىگە قارشى دورىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

4. فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت
تېرە سىزىلىپ كېتىش كېسىلى-تېرە تىرناق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن تاتىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان يەل تاشما بولۇپ، كۆپىنچىسىدە قىچىشىش ياكى باشقا بىئارام بولۇش سېزىمى بولمايدۇ. بۇ خىل تېرە ئىنكاسى سىزىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال پەيدا بولۇپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا يوقايدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

5. بېسىم ياكى كېچىكىپ قوزغىلىدىغان بېسىم خاراكتېرلىك يەلتاشما
تېرە بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ياكى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن يەلتاشما پەيدا بولىدۇ. كېچىكىپ قوزغىلىدىغان يەلتاشما ئادەتتە ئالتە سائەت ئەتراپىدا بېسېلىپ پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تىپتىكى يەلتاشما باشقا كۆپ قىسىم تىپلارغا ئوخشىمايدۇ، ئاغرىغان ئورۇندىكى يەلتاشما كۆپىنچە ھاللاردا تېخىمۇ تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئۈچ كۈنگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
6. خولىن ياكى ئادرېنالىن تۈرىدىكىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان
بۇ خىل يەلتاشما دائىم ھەرىكەت قىلىش، تەرلەش ياكى باشقا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەر (مەسىلەن: دۇش ياكى سۇغا چىلىنىش)دا كۆرۈلىدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، تېرىدە تېز سۈرئەتتە يۈزدىن ئارتۇق قىچىشىدىغان كىچىك قىزىل چېكىت پەيدا بولۇپ، تەخمىنەن 60 ~ 90 مىنۇت داۋاملىشىدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

7. سوغۇق
تېرە بىر قەدەر سوغۇق تېمپېراتۇرا، نەملىك، بوران بىلەن ئۇچراشقاندا يەلتاشما پەيدا بولىدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

8. ئ‍ىسسىق
بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، يەنى تېرە ئىسسىقلىق مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقاندا يەلتاشما پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە 2 ~ 5 مىنۇت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ، ئەمما بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

9. كۈن نۇرى
بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە تېرە كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. كۈن نۇرىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ.

قىچىشقاقنىڭ توققۇز خىل تىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

يەلتاشمىنى ياخشىلاشتىكى ئالتە خىل ئ‍ۇسۇل
1. ئالدى بىلەن يەنىلا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ مۇمكىن بولىدىغان ھەرقانداق كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك يەلتاشمىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت داۋالاش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئەمما، نۇرغۇن بىمارلار قايتا قوزغالغاندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ، دەپ قاراپ، داۋالاشتىن ۋاز كېچىدۇ ياكى رېتسېپ ئىزدەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
2. ھېستامىنغا قارشى دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.
3. بارلىق ئاسان قوزغايدىغان ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن: ھاراق ئىچىش، شورپا چىلاش، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىش، كىيىم -كېچەكلەرنى چىڭ كىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش: ساختا ئانافىلاكتوگېنلىق يېمەك – ئىچمەكتىن ساقلىنىش، ۋىتامىن D6 نى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.
5. كېسەللىك قوزغالغاندا قىچىشىشنى توختىتىش دورىسى، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ياكى سوغۇق ئۆتكۈزسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. (سوغۇقتىن بولغان كېسەللەر بۇنىڭ سىرتىدا).
6. قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تۇرمۇش بېسىمىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى