ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

چاچ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە چاچ چۈشىدىغان كىشىلەر توپى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىمەكتە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار بىر قەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان چاچ چۈشكەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزدە چاچ چۈشىدىغان كىشىلەر 250 مىليوندىن ئاشقان.

نېمىشقا چاچ چۈشىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ئىرسىيەت ئامىلى. دادىسىنىڭ چاش چۈشۈش ئەھۋالى بولسا، ئوغلىنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى %50، قىزىنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى بولىدىكەن؛

ئىككىنچى، روھىي بېسىم. ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىم ئېشىپ كەتسە چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، چاچ چۈشۈش بەدەندىكى ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنىڭ مېتابولىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنە يۇقۇملىنىش، جىددىي ئىشلار، مىكرو ئايلىنىش قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

بىز چاچنىڭ فىزىئولوگىيەسىگە ئاساسەن چاچنى ئاسرىساق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

بىرىنچى، چاچ ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقار، سوپۇن پاراشوكى قاتارلىقلار بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا چاچ پاخپىيىپ قالىدۇ. تۈك خالتىسىدا نۇرغۇن تۈكلۈك تېرە بولۇپ، خۇددىي كاھىشقا ئوخشاش تۈك غولىنى قوغداپ تۇرىدۇ، تۈكلۈك تېرە ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقارلىق مۇھىتتا كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىۋا بىلەن چاچنى يۇيۇشقا بولىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ يۇمشاق بولىدۇ.

ئىككىنچى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللىغاندا نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش، ئىشقارلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچى، ھازىر بازاردا نۇرغۇن چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بار، ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن مۇنتىزىم زاۋۇتتا ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىشلەپچىقارمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سىلىتسىي بولغان ياكى بولمىغان ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا پەرقى ناھايىتى چوڭ، بىراق، ئەمەلىيەتتە رولىدا چوڭ پەرق يوق.

تۆتىنچى، كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تارغاق ياكى ياغاچتىن ياسالغان تارغاق بىلەن چاچنى تاراش، تارغاق چىشى شالاڭراق، ئۇچى يۇمشاقراق بولۇش كېرەك.

«ياخشى بەدەن، ياخشى باش تېرىسى، ياخشى تۈك خالتىسى بولغاندىلا ياخشى چاچ بولىدۇ». باش تېرىسىنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ باش تېرىسىنى دائىم قول بىلەن ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ، باشنى ئۇۋۇلاش تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تارغاق بىلەن قايتا-قايتا تاراپ بەرسە، چاچ ئاسراش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىس: جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى چاچ مېدىتسىناسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ دىڭچۈەن.

مەنبە: نۇر تورى

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى