تەرمىلەر

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىشنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇنداقكەندە!

تۇنجى مۇھەببەت گۈزەل بولىدۇ، بىراق مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىشمۇ كىشىنى قاتتىق ئازابلايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئوخشاش ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ، بۇنى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىلمىي سەۋەبى بار، مانا بۇ كىشىلەر دەۋاتقان مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدىكى ئىنكاستۇر.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىشنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇنداقكەندە!

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدىكى ئىنكاس دېگىنىمىز، تۇيۇقسىز مەلۇم بىر خىل دورىنى ئىستېمال قىلىشتىن توختىغاندا ياكى ئىستېمال مىقدارى تۇيۇقسىز ئازايغاندا ئالاھىدە پىسخىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئاسانلا ماسلىشىش خاراكتېرلىك قاڭقىش كېلىپ چىقىشقا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئىسپىرت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ھاياجانلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەم مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ دوپامىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ روھىي ئىرادىسى چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىشنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇنداقكەندە!

بۇ ئىنكاسلارنى داۋالاش ئادەتتە دورا خۇمارىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدىكى ئىنكاس بىر خىل كەيپىيات ئىنكاسىغۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى تۇيۇقسىز تاشلىۋېتىلگەنلىكتىن ئەپسۇسلىنىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت دوپامىننىڭ قويۇقلۇقى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، ئاندىن پەيدا بولغان ھەر خىل بىئارامسىزلىقتۇر. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر مەزگىللىك مۇھەببەت تۇيۇقسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك ئويلىغاندەك بۇنداق ئازابلىقمۇ بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت دوپامىننىڭ تېرىغان ئاۋارىچىلىقى.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىشنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇنداقكەندە!

ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مۇھەببەتلىشىش پەقەت كەيپىياتلىشىشنىڭ بىر خىل جەريانى، خۇددى زەھەر چەككەنگە ئوخشاش ئاسان خۇمار بولۇپ قالىمىز، ئەمما مۇھەببىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن دوپامىننىڭ ئاجرىلىشى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، بۇ زەھەر تاشلىغانغا ئوخشاش بىر قەدەر ئازابلىق، ئەمما جانلىقلار ئورگانىزمى ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ بىئارامسىزلىق ئالامەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىشنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇنداقكەندە!

مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولۇشقا قارىتا، ئەقلى بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىپ قولىنى قويىۋېتىدۇ ھەمدە بۇ ھېسسىياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق كونترول قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسا، مۇقەررەر ھالدا مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولۇش قالدۇرغان جاراھەتنى تېزلا ساقايتالايدۇ، ئەكسىچە ھېسسىي كىشىلەر سەۋەبىنى ئۈزلۈكسىز تەھلىل قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت چوڭ مېڭىنىڭ بەزى تەلەپلىرى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئىنكاسلارنى 18 ئاي ئەتراپىدا ئاندىن تۈگەتكىلى بولىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى