ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنى توختىتىدىغان يېمەكلىكلەر

تاقىرباش

چاچ چۈشۈش، ئەسلىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئىدى، بىراق ھەر خىل زامانىۋىيلىشىش بېسىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارمۇ چېچى چۈشىدىغانلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. ئەسلىدە شاپتەك چاچلار بىلەن كېلىشكەن يىگىت بولىدىغانلار، مانا ئەمدى تاقىرباش تاغاشلارغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ خىل پىسخىكا پەرقى نەقەدەر چوڭ-ھە!

شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىپ، چاچ سۈپىتىنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز:

كۆكتات

1. مايمۇنباش موگۇ(猴头菇)

مايمۇنباش زەمبۇرۇغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دورىلىق ۋە يېمەكلىك جەھەتتىكى رولى تەڭپۇڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ دورىلىق جەھەتتە ئۇنىڭ قىممىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، مايمۇنباش موگۇ تەركىبىدە ئاقسىل ئىنتايىن مول، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار، ئامىنو كىسلاتاسى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ خام ئەشياسى. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئستېمال قىلغاندا، چاچلارنىڭ ئۆسۈشى، چاچلارنى رەڭلەش ۋە چاچ سۈپىتىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

بېلىق

2. كارپ بېلىقى(鲤鱼)

ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى تەڭشەش رولى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياغلارنىڭ كۆپىنچى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، خولېستېرىننى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ياغ كىسلاتاسى بار، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەشتۈرىدۇ، ئۇندىن باشقا ئەڭ ياخشى قۇۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە كۆپ يەپ بەرگەندە، چاچ رەڭگى تېخىمۇ قارا ۋە پارقىراق بولىدۇ.

قارا كۈنجۈت

3. قارا كۈنجۈت(黑芝麻)

قارا كۈنجۈت ئۈنۈملۈك چاچ قارايتىش يېمەكلىكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، كالتىسى ۋە ماي قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ماددىلار بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن، تۆمۈر ئېلېمېنتلىرى بار بولۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەردىكى چاچ ئاقىرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، چاچ رەڭگىنى قارايتىش رولى ناھايىتى ياخشى. شۇڭا، تۇرمۇشتا كۆپرەك ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تېرىنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلغاندىن سىرت، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ، چاچ رەڭگىنى جۇلالاندۇرۇپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

بادام

4. ئۆرۈك مېغىزى(杏仁)

كۆپلىگەن چاچ چۈشكۈچىلەردە تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل، ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن ۋە سىنك ئېلېمېنتى چاچ ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلاردۇر. شۇڭا چاچ چۈشۈشنى يىلتىزىدىن ئۈنۈملۈك داۋالاپ، چاچ چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆرۈك مېغىزىنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، چاچ چۈشۈشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

پالەك،كۆكتات

5. پالەك(菠菜)

پالەكنى «تۆمۈر كېنى» دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ كىچىككىنە پالەك يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى ئىنتايىن مول، تۆمۈر چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئېلېمېنت، بۇ ئارقىلىق قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەتكىلى، قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن مول بولۇپ، بۇ ۋىتامىنلار چاچ تەركىبىنى تەشكىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە كۆپرەك يەپ بەرگەندە، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ياخشىلاپ، چاچ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى