ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش ئىشەنچلىكمۇ؟

كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن گۇمان قىلسىمۇ، ئەمما يۈز-ئابرۇيى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماي، يەنە بەزى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، گەرچە بۇ ئىش دوختۇرغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما شەخسكە نىسبەتەن ناھايىتى زور روھىي بېسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈش بولسا ئىنتايىن زور بىر خۇش خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. توردا دائىم، ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزى كىشىلەرنى 15 مىنۇت ئىچىدىلا ئەيدىز ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، دېگەندەك يازمىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل قاراش زادى توغرىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشتا، ئاز دېگەندىمۇ تۆت ھەپتىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرسە بولۇۋېرىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.

ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش ئىشەنچلىكمۇ؟

تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسىلا خاتىرجەم بولۇشقا بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

ئەيدىز ۋەھىمىسى كۈچلۈك كىشىلەر خەتەرلىك قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەرھال سىناق قەغىزى تېپىپ كېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى مۇمكىن، ئەمما سىناق قەغىزىنى كۆزنەك مەزگىلىدىن كېيىن، يەنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى كۆزنەك مەزگىلى ئىچىدە ئەيدىز ئانتىتېلاسىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش مۇمكىن بولماسلىقى، ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، ئۇنداقتا تۆت ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مەنپىي بولسا، ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن نەزەردىن ساقىت قىلىمىز.

ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش ئىشەنچلىكمۇ؟

ناۋادا سىناق قەغىزىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقىپ قالسا بەك قورقۇپ كەتمەسلىكىمىز لازىم، قالايمىقان خىياللاردا بولۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ياكى كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك، ئەگەر دىياگنوز نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت چىقسا، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناسىپ دورا بىلەن داۋالاش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

ناھىيەسىگەرچە ھازىرغىچە ئەيدىزنى يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا تەتقىق قىلىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشى ۋە يېتەكلىشىگە ماسلاشقاندىلا، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى زور دەرىجىدە كېچىكتۈرگىلى، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش ئىشەنچلىكمۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنى سىناق قەغىزىدە تەكشۈرۈش توغرىسىدا گەپ بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سىناق قەغىزىنى قانداق تاللاش توغرىسىدا توختالماي بولمايدۇ. ھازىر بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشى، توغرىلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سىناق قەغىزى بولسا ياپېي (雅培) دىن ئىبارەت بۇ ئىمپورت ماركىسى بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا مېيېرئېر شىركىتى (美艾利尔公司) تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان (مېيېرئېر شىركىتىنى بۇرۇنلا ياپېى شىركىتى سېتىۋالغان).

ياپېى سىناق قەغىزى يەنە ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋە تۆتىنچى ئەۋلاد دەپ بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تۆتىنچى ئەۋلاد سىناق قەغىزىدە ئانتىگېن تەكشۈرۈشى كۆپەيتىلگەن، ئۈچ ئەۋلاد سىناق قەغىزىگە سېلىشتۇرغاندا كۆزنەك مەزگىلىنى ئىككى ھەپتىگە قىسقارتقان، يەنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ۋاقتى تۆت ھەپتىگىچە ئالدىغا سۈرۈلۈپ، توغرىلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شۇڭا، ياپېينىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزى ئۈچىنچى ئەۋلادقا قارىغاندا كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى