ساغلاملىق

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

ئاشقازىنىمىز تاماق مىقدارىمىزنى بەلگىلەيدۇ، دائىم تاماقنى بەك كۆپ يەۋەرگەندە، ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقىمۇ ئاستا-ئاستا چوڭىيىپ، بەدەنمۇ سەمرىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن سېمىز كىشىلەرنىڭ ئاشقازان سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولىدىغان بولۇپ، بىر ۋاق تاماقتا كۆپ نەرسە يېيەلەيدۇ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

ئورۇقلاشتا ئالدى بىلەن ئاشقازاننى ئورۇقلىتىش كېرەك، ئاشقازان سىغىمى كىچىكلىسە، تاماق يېيىش مىقدارىمۇ ئازلايدۇ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىڭىزمۇ تۆۋەنلەپ، بەدەن تەبىئىي ھالدا ئورۇقلايدۇ.
قانداق قىلغاندا ئاشقازان سىغىمىنى ئىلمىي تۆۋەنلىتىپ، يېمەكلىك يېيىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟ بىز بۇ بىر قانچە ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ.
1. تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تاماق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئاستا-ئاستا ئورۇقلايسىز. ئەكسىچە تاماقتىن كېيىن شورپا دېگەندەكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا زىيادە كۆپ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازىنىڭىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىۋېتىپ، بىلىپ-بىلمەي تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك يەيسىز، بەدىنىڭىزمۇ ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.
ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچكەندە، قورساق ئېچىش سېزىمىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئون ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، ساختا ئاچلىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2.تاماقنى يۇمشاق چايناپ، ئاستا يۇتۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

تاماق يېگەندە ئاچ بۆرىدەك يېمەستىن، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش كېرەك. بىر چىشلەم تاماقنى 20 قېتىم چايناپ، بىر ۋاق تاماقنى 20 مىنۇتتىن ئارتۇق چايناپ يېسە، ھەزىم قىلىشقا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
بۇنىڭدىن سىرت، بەدەننىڭ قورساق تويۇش سىگنالىنى تارقىتىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا، چوڭ مېڭىنىڭ قورساق تويۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بەرگىلى بولىدىغان بولۇپ، زىيادە كۆپ تاماق يېيىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3. تاماقنى سەككىز ئۈلۈش تويغىچىلا يېيىش

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

ئۈچ ۋاق تاماق قانۇنىيەتلىك بولىشى، بىر ۋاق ئاچ، بىر ۋاق توق يۈرمەسلىك كېرەك. تاماق يېگەن ۋاقىتتا، تاماقنى بەك تويغۇدەك يەپ ئاندىن توختىماسلىق كېرەك. تاماقنى سەككىز ئۈلۈش تويغۇدەك يەپ، كەچلىك تاماقنى ئالتە-يەتتە ئۈلۈش تويغۇدەك يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بەدەننىڭ ئايلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.
4. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىك

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

ئۇخلىغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ ئارام ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئاندىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنالايدۇ. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېسە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، يەنە ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز كېچىدە تاماق يېيىش ئادىتىنى تاشلىشىمىز، ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىكىمىز، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا يېتەرلىك ۋاقت بېرىشىمىز كېرەك، ئۇخلىغاندا بەدىنىمىز ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ماي سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ تېز ئورۇقلايدۇ.
5. ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش

بۇ ئاماللار ئاشقازان سىغىمىنى كىچىكلىتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ

ئاشقازان، ئۈچەي ساغلام بولسا، بەدەن تېخىمۇ ساغلام بوللىدۇ، ئايلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەددىدىن زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نۇرغۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، گەرچە مىقدارى ئاز بولسىمۇ، سىزنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر سالامەتلىككە زىيانلىق، بولۇپمۇ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەسلەرگە تېخىمۇ شۇنداق.
بىز بۇ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋېتىپ، تەبىئىي كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، سېللۇزا تولۇقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي ۋە ئاشقازىنىمىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭدا بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى