يېمەك-ئىچمەك

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سىرىنى سىز زادى قانچىلىك بىلىسىز؟
ئۈزۈم ھارىقى ياساشتا ئۈزۈم تېلى كەم بولسا بولمايدۇ، ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۆسۈشىدە ئوغۇت كەم بولسا بولمايدۇ، خاتا ئوغۇت ئىشلىتىلسە ئۈزۈم تېلىنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشىگە ئ‍اساس سالىدۇ.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

ھاراق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قوغۇشۇن ئوكسىد (氧化铅) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا قوشۇلىدۇ، ئەگەر تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بۆرەك، جىگەر، ئۆپكە قاتارلىق ئەزا توقۇلمىلىرىدا تۇرۇپ قالىدۇ.
1827-يىلى بېتخوۋېن قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. بىر ياش ئوقۇغۇچى بېتخوۋېنغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسىتىدىن بىر تۇتام چاچنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چاچتىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن 100 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

ئۈزۈم ھارىقى ۋە قوغۇشۇن ئوكسىدنىڭ سىرى
18-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ئەنگلىيە ئەڭ ئازابلىق دەۋرگە قەدەم قويغان، يەنى بىر مەيدان ئۈزۈم ھارىقى دولقۇنى پەيدا بولغان. كەينى-كەينىدىن قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇرۇش ئەنگلىيەنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، پەقەت ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارلا ئېتىبار سىياسىتىدىن يەنە بىر قېتىم بەھرىمەن بولغان.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىنغان ئۈزۈم ھارىقى ئەنگلىيەنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن. ئۈزۈم ھارىقى پىششىقلاپ ئىشلەش ئئارقىلىق ياسىلىدۇ، بۇنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا گىرافىت پاراشوكى (石墨粉) بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقىنى پاجىئەلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنداق ئۈزۈم ھارىقىنى كۆپ ئىچكەندە بۆرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش، قان ئۇيۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟ئۈزۈم ھارىقىدىكى« قوغۇشۇن» نەدىن كەلگەن؟
بۇ خىل قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كۆپىنچە قەدىمكى زامانلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، قەدىمكى كىشىلەر بىر قىسىم ئېغىر مېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاراق قاچىلىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئەمما نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈزۈم ھارىقىدىكى قوغۇشۇن بىلەن ھەپىلىشىدۇ؟
❖مۇھىت بۇلغىنىش
ئۈزۈم ھارىقى تەييارلىغاندا، ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ئالاھىدە ئورۇندا، ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم تېلى سىزگە باشقىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم بىر داڭلىق ئالىم كۆپچىلىككە «ئەگەر ئۈزۈم تېلىنى تاشيول بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئۆستۈرگەندە، ئۇنىڭ مېتال قويۇقلۇقىنى قوبۇل قىلىشى ئادەتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا بولىدۇ» دېگەن. تاشيولنىڭ ئاتموسفېرا مىقدارى كۆرسەتكۈچى لاياقەتسىز بولۇپ، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بۇلغىغۇچى ماددىلار مېۋە شۆپۈكىگە يۇقۇپ، ئۈزۈم ھارىقىنى بۇلغايدۇ.
❖ماددا بۇلغىنىش
ئۈزۈم ھارىقى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىنتايىن نازۇك مەھسۇلات، مەلۇم خىل بۇلغىغۇچى ماددىنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىسا، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تەييارلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر بۇ خىل ماددا پەيدا بولۇپ قالسا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.
ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدىكى ئوكسىدلار راستتىنلا ياخشىمۇ؟
كىشىلەر دائىم «ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىنى قامدايدىغان ۋىتامىن، ئاقسىل، شېكەردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بار» دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش ئازراقمۇ خاتا ئەمەس، لېكىن سىز توغرا ئىچمىسىڭىز يەنىلا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
خۇنەندىكى بىر شەھەر ئاھالىسى ئۆيىدە ئۆزى ئېچىتقان ئۈزۈم ھارىقىنى زىيادە كۆپ ئىچىۋالغاچقا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، كۆرۈش دائىرىسى غۇۋالىشىپ، ئاخىرىدا زەھەرلىنىپ قازا قىلغان.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

❖يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ ئۈزۈم ھارىقىنى قوبۇل قىلغاندا، بەلگىلىك غىدىقلىنىش پەيدا بولۇپ، ھاراق تەركىبىدىكى ماددىلار بەدەندىكى ئەزالارغا نىسبەتەن بىر خىل قارشىلىشىش مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۈزۈم ھارىقىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، بەدەندىكى قان پىلاستىنكىلىرى بۇ نەرسىگە يولۇققاندا، بىر خىل قان ئۇيۇتۇش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى قان نورمال ئايلىنالماي، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى ھەر ۋاقىت كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

❖يۇتقۇنچاق (كېكىردەك) راكى
ئۈزۈم ھارىقىنى كۆپ مىقداردا ئىچسە يۇتقۇنچاق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئارتۇقچە ئىسپىرت مىقدارى يۇتقۇنچاققا ئېقىپ كىرگەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، ئۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر قىلىپ يۇتقاندا ناھايىتى ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ.
❖ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش
ئۈزۈم ھارىقىنى زىيادە ئ‍ىچكەندە ئىسپىرت مىقدارى ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بېرىدىغان ئەڭ چوڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

❖جىگەر قېتىش
ئادەم بەدىنى %0.4لىك ئېتانول ئىسپىرتنى داۋاملىق قوبۇل قىلغاندا، ئىسپىرت نېرۋا سىستېمىسىنى پالەچلەندۈرۈپ، جىگەرنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
❖ئاشقازان ياللۇغى
بەدەندىكى ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ئىككىنچى چوڭ مېڭە بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈنۈملۈك زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئۈزۈم ھارىقىنى زىيادە كۆپ ئىچىۋەتسە، ئاشقازان-ئۈچەي زەخىملىنىپ، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈندە ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنەمدۇ؟

ئۈزۈم ھارىقىنى قانداق توغرا ئىچىش كېرەك؟
❖مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش
ھەر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا 1 ~ 2 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا چوڭ مېڭە نېرۋىسىنى زىيادە غىدىقلىماي، قان تومۇرنى مەلۇم دەرىجىدە يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۈزۈم ھارىقى ئىچكەندە ئاچ قورساق ئىچىشكە بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى