ساغلاملىق

«ئەسكى ئەر» لەر بىلەن «ياخشى ئەر»لەر

ئەرلەر،ئاياللار

 كۆڭلىدىكىدەك «ياخشى ئەر››نى تېپىش ھەربىر ئايالنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك، بىراق ئاياللارغا ‹‹ياخشى ئەر››گە قارىغاندا‹‹ئەسكى ئەر››لەرنىڭ بىر قەدەر ئشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇيەردە گېپى بولىۋاتقان ‹‹ئەسكى ئەر›› قانداقتۇر ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ئەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى، قارىماققا خىيالى تەسىر بېرىدىغان، ھەدېسىلا شېرىن-شېكەر گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ‹‹دۇرۇس›› كۆرۈنمەيدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 ئاتالمىش ‹‹ئەسكى ئەر›› يۇمۇرستىك، زېرەك، كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر قىزلارغا تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۈجمە كۆڭۈل، ئىشەنچىسىز، مەسئۇلىيەتسىز تەسىر بېرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ‹‹ئەسكى ئەر››لەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى نۇرغۇن ‹‹ياخشى ئەر›› بىر ئۆمۈر ھازىرلىيالمايدۇ، شۇڭا قىزلارغا تەۋسىيەم، ئەرلەرگە تاشقى قىياپىتى، تۇنجى بەرگەن تەسىرى بىلەنلا باھا بېرىشكە ئالدىرىماي، ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. ‹‹ئەسكى ئەر››بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەر بولۇشى مۇمكىن.

ئەرلەر،ئاياللار

   ئاتالمىش‹‹ئەسكى ئەر››لەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ھەيران بولماڭ، چۈنكى ‹‹ئەسكى ئەر››لەر كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا ئانچىكى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ. ‹‹ياخشى ئەر››لەر بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا يەتمىگۈچە مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، شۇڭىمۇ كېيىن بۇنداق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

   ئاتالمىش ‹‹ئەسكى ئەر››لەرنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا بولغان چۈشىنىشى ئېنىق بولىدۇ. مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەي: ‹‹ياخشى ئەر››لەرنىڭ ئالدىغا بىرلا خىل مېۋە، يەنى ئالما قويدۇق دەيلى، ئۇلار ئامالسىز ئالما يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق كۆڭلىدە باشقا مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقا مېۋىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، لېكىن كۆپنى كۆرگەن ‹‹ئەسكى ئەر››لەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق مېۋىگە ئامراقلىقىنى بىلگەچكە، ھەرگىز مۇ باشقا مېۋىنىڭ خىيالىنى سۈرمەيدۇ.

ئەلۋەتتە، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي قاراش، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئۆزىڭىزدىن.

مەنبە: ‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى