ساغلاملىق

13 ياشلىق قىزىنىڭ سېرىق فىلىم كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئانىنىڭ تەدبىرى

چىچى بۇ يىل 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شوخ ھەم ئوماق بۇ قىز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خۇشاللىق خۇرۇچى ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.

ئانا،بالا

بىر كۈنى كەچتە ئاپىسى چىچىغا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاشنى ئېيتتى. تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاپىسى ئۇسساپ كېتىپ سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانىغا چىقتى، بۇ چاغدا قىزىنىڭ ھۇجرىسىدىن باشقىچە ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئانا ئىشىكنى يېنىك ئىتتىردى، ئەسلىدە چىچى كومپيوتېردا بىر نەرسە كۆرۈۋاتقانىدى، ئەمما ئاپىسىنىڭ ئىشىكنى ئىتتىرگىنىنى ئاڭلاپ دەرھال كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈۋەتتى. شۇ ئارىلىقتا ئاپىسى كومپيوتېردا قېپيالىڭاچ تۇرغان ئىككىيلەننىڭ سىماسىنى غىل-پال كۆرۈپ قالدى ھەمدە چىچىنىڭ سېرىق فىلىم كۆرۈۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ ئىشتىن ئۇ قاتتىق ھەيران قالدى شۇنداقلا ئازابلاندى، ئەمما ھېچنېمە دېمەستىن چىچىغا بالدۇرراق ئۇخلاشنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

ئانا،بالا

بۇ كېچە ئاپىسى ئۇخلىيالمىدى، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمىدى. ئەگەر قاتتىقراق گەپ قىلسا چىچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگەتتى، ناۋادا گەپ قىلمىسا چىچى ئۇزۇن مەزگىل سېرىق فىلىملەرنى كۆرسە ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ناھايىتى زور بولاتتى، ئاخىرى ئاپىسى ياخشى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتى.

ئىككىنچى كۈنى ئاپىسى قىزىغا خېلى ۋاقىتتىن بېرى بىرگە ئۇخلىمىغانلىقى، بۈگۈن قىزى بىلەن بىر كارۋاتتا ئۇخلىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. چىچى خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى، ئىككىيلەن كارىۋاتتا يېتىپ چىچىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەكتەپتە يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارغىچە پاراڭلاشتى. مەكتەپ تىلغا ئېلىنغاندا چىچى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى، ئۇ سىنىپىدىكى مەلۇم بىر قىزنىڭ كۆكسىنىڭ ناھايىتى يوغان ئىكەنلىكى، نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنى مازاق قىلىدىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ ئۇنى تېخى «سۈتلۈك كالا» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ يەنە ئاپىسىدىن نېمە ئۈچۈن قىزلارنىڭ كۆكسى يوغىنايدىغانلىقىنى سورىدى. يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا چىچى توختىماستىن سۆزلەيتتى. بۇ ۋاقىتتا ئاپىسى قىزىنىڭ ئالدىنقى كۈنى سېرىق فىلىم كۆرۈشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى، ئەسلىدە قىزى باشقا قىزلارنىڭ كۆكسىنىڭمۇ ئاشۇنداق يوغان بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدى، قىزچاقتا ئادەم بەدىنىگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان ئىدى.

ئانا،بالا

بۇ چاغدا ئاپىسى چى چىغا مۇنداق دېدى: «بەدەندىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ يېتىلىشى ھەر بىر ئادەم چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك جەريان. قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە خۇددى سىزنىڭ سىنىپىڭىزدىكى ھېلىقى قىز ساۋاقداشقا ئوخشاش كۆپىيىش ئەزالىرى بارا-بارا يېتىلىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ يېتىلىشى تېزرەك، يەنە بەزىلەرنىڭ ئاستىراق بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي سىزنىڭمۇ كۆكسىڭىز بارا-بارا يېتىلىشكە باشلايدۇ، سىز باشقىلارنى مازاق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، بۇ قىزلارنىڭ نورمال يېتىلىش جەريانى. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەخپىي ئورۇنلىرىنى ياخشى قوغدىشىمىز، باشقىلارنى ئۇنىڭغا يېقىن يولاتماسلىقىمىز كېرەك».

كۆپىنچە ھاللاردا چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلە ئۈستىدىكى كۆز-قارىشى ئوخشىمايدۇ، چوڭلار ھەمىشە باشقىچە نەزەردە قارايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن پەرزەنتلەر بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىش، كۆڭلىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش، ئاندىن شۇ ئاساستا بالىلارغا توغرا بولغان پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش لازىم. ھەرگىزمۇ ئاق قارىنى پەرق ئەتمەي ئۇرۇپ تىللىماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرايدۇ.

ئانا،بالا

بىز يۇقىرىقى ئانىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇيۇقسىز بەزى مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەيدۇ، ئورۇنلۇق ھالدا قائىدە داۋلى چۈشەندۈرۈش، ئەتراپلىق سۆزلىشىش، ئەستايىدىل پاراڭلىشىش كەسپىي ھاياتىڭىزدا تېخىمۇ ئۇزاققا مېڭىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. گەپ سۆزگە ماھىر بولۇش، باشقىلارنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق، مەسىلىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئائىلىڭىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. ئەگەر سىز گەپ سۆز قىلغاندا قوپال بولسىڭىز، بەزى گەپلەرنى ئۇدۇللا ئېيتىدىغان ئادەم بولسىڭىز ئۆزىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى