ساغلاملىق

يېسەڭ ئالما كۈندە بىر تال، دوختۇر سەندىن يىراق تۇرار

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەرر !

مەن بىر كەسپىي دوختۇر، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ۋە كېسەلنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى تەتقىق قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ماقالەمنىڭ سىزگە پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالما ئەڭ دائىم ئۇچرايدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئەمما مانا مۇشۇنداق ئادەتتىكى مېۋىلەر ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا «ھەر كۈنى بىر تال ئالما يېسەڭ، دوختۇر سەندىن يىراق تۇرىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئالمىنىڭ قاندىكى ماينى، خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالما تەركىبىدە مېۋە يېلىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە فىنول تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى بار ئىكەن.

ئەمەلىي ئەھۋال قانداق؟ دېمەيلا قويۇڭ، بۇنى ئالىملار تەتقىق قىلغان، يەنە كېلىپ بۇ توغرىلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. كۆپچىلىك قىزىقسا 2019-يىلىدىكى «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى» نىڭ ئەسلى تېكىستىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بىز ئالما يېيىشنىڭ پايدىسى بار-يوقلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەنگىليە رادىن ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Reading) نىڭ ئالىملىرى بىر تۈرلۈك تاسادىپىي سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ باردى. تەتقىقات ئوبيېكتى قاندىكى خولېستىرىن يېنىك دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن 40 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشى بولۇپ، ئۇلار يەنە يېنىك دەرىجىدە سېمىز ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ھەر كۈنى ئىككى تال ئالما يەيدۇ، يەنە بىر گۇرۇپپا قەنت مىقدارى ئىككى ئالمىغا تەڭ كېلىدىغان ئىچىملىك ئىچىدۇ. سەككىز ھەپتىدىن كېيىن تەتقىقات نەتىجىسى چىقىدۇ. ئالما يەيدىغانلارنىڭ ئومۇمىي خولېستىرىنى، زىچلىقى تۆۋەن ياغ ئاقسىلى (ئاتالمىش بۇزۇق خولېستىرىن)، ترى گلىتسېرىننىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەيدۇ، قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

ئالما

خولېستىرىن ھەقىقەتەن تۆۋەنلىدى، گەرچە پەقەت %4 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇ قانداقلا بولمىسۇن خۇشال بولغۇدەك ئىش.

ئەلۋەتتە، ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ تەتقىقاتنىڭ كۆلىمى يەنىلا بەك كىچىك، ئالمىنىڭ قايسى تەركىبىنىڭ خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تېخى تەپسىلىي تەتقىق قىلىنمىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، تەتقىقاتتىمۇ ئالما بىلەن باشقا مېۋىلەرنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادىكى بارلىق ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ يېمەكلىك قوللانمىسىدا ھەر كۈنى مېۋە يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مېۋە يېيىشنى تەۋسىيە قىلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزاق مۇددەت مېۋە يېسە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، بىر قىسىم سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئازايتىدىكەن.

ئالما

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئالما يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. لېكىن، مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچى: ئالما يېيىش ياكى مېۋە يېيىشنىڭ خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ رول ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دورىلارنىڭ رولىغا يەتمەيدۇ. شۇڭا ئالمىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. خولېستىرىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلىگەن ياكى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇناسىۋەتلىك دورىلار كەم بولسا بولمايدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى