ساغلاملىق

ھەر كۈنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100نى ئىشلىگەندە، كۆكرەك مۇسكۇلىنى چوڭايتقىلى بولامدۇ؟

يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى چېنىقتۇرىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىلەك مۇسكۇلى، كۆكرەك مۇسكۇلى، دۈمبە ۋە مۈرە مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بىراق بۇ ھەرىكەتنى نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ بەزى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېڭىدىن قاتناشقان كىشىلەر يەر بېغىرلاش ناھايىتى ئاددىي قىيىنلىق دەرىجىسى يوق ھەرىكەت، دەپ قارايدۇ. ئۇلار چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ ئەسۋاب مەشىقى قىلىشقا رازىكى، بەش مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەشنى خالىمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنىڭ مەشىق ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، سىز ھەر كۈنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100 نى ئىشلەشنى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز، يۇقىرى بەدەن مۇسكۇلىڭىزدا چوقۇم ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.

بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېڭى قاتناشقۇچىلارنىڭ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى قىلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندا مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى كۆپ قىلغانلارنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلى ناھايتى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.

چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ چېنىقىش يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنىڭ پايدىسى يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەسۋاب ئۈسكۈنە مەشىقىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر دەسلەپتە سىزدە ھېچقانداق كۈچ ئاساسى بولمىسا، يەڭگىللىك بىلەن چوڭ ئېغىرلىق مەشىقى ئېلىپ بارسىڭىز ئاسانلا يارىلىنىپلا قالماستىن، ئەكسىچە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىڭىزدىن مەھرۇم قالىسىز.

يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ھەرىكەت بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، بىلەك مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم ئېغىر مەشىقلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

ئەگەر سىز ھەر كۈنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى 100 قېتىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، ئۇنداقتا بىر يىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

1. يەر بېغىرلاش مەشىقىگە بىر يىل بەرداشلىق بېرەلىگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ، مەسىلەن: بىلەك مۇسكۇلى، مۈرە مۇسكۇلى ۋە كۆكرەك مۇسكۇلى، دۈمبە مۇسكۇللىرى يوغىنايدۇ، ئۈستۈنكى يېرىم بەدەن تېخىمۇ چوڭ ۋە چىڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەرىكەت ئاساسى يوق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇسكۇلنى چىڭ ھەم كۈچلۈك قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

2. يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى بىر يىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، مۇسكۇل نېرۋىلىرىڭىز قارشىلىق كۈچىگە قارىتا غىدىقلىنىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىدامچانلىقىڭىز زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. دەسلەپتە سىز يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 30نى بىر قېتىمدىلا تاماملىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما بىر يىل يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بىلىكىڭىزدىكى مۇسكۇللارنىڭ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، شۇنداقلا يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100نى بىر قېتىمدىلا تاماملىيالايسىز.

3. بىر يىللىق يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، تەلەپچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. سىز ھەر كۈنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100نى تاماملاشنى پىلانلىسىڭىز، ئىش قىلغاندا بارغانسېرى تەرتىپلىك بولۇپ، زېھنىي كۈچىڭىز ۋە روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشى ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

4. كۈچ مەشىقى سىزنىڭ بۆسۈش (爆发力) كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، مەسىلەن: سىز يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 30نى بىر قېتىمدىلا تاماملىسىڭىز، يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 50نى قىلىشنى پىلانلايسىز. سىزنىڭ بۆسۈش كۈچىڭىزدە زور ئىلگىرىلەش بولىدۇ، يەنە سىزنىڭ يادرو يۈرەك مۇسكۇل توپلىرىڭىزنى كۈچەيتىپ، قورساق مۇسكۇللىرىڭىزنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

5. يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەندىكى باشقا مۇسكۇل توپلىرىنى ھەرىكەتكە ماسلاشتۇرۇپ، بەدەن مۇسكۇللىرىنى تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ ماسلاشقان قىلغىلى بولىدۇ. يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى يەنە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رەسمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100نى ئىشلەپ بەدەن قىزىتىش مەشىقى قىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىق مەشىقىنى ياخشى قىلسىڭىز، يۈرەك سوقۇشىڭىز تېزلىشىپ، مەشىق ھالىتىگە رەسمىي كىرىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.

ھەر كۈنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىن 100نى ئىشلىگەندە، ئاسانلا زېرىكىش ھېس قىلىسىز، ئۇنداقتا يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىدىكى باشقا ئۆزگىرىشچان ھەرىكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ بېقىڭ، بۇ توققۇز ھەرىكەت يۇقىرى بىلەك مۇسكۇللار توپىنى چېنىقتۇرالايدۇ.

1. ئۆلچەملىك يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

2. تەڭسىزلىك يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

3.يەر بېغىرلاپ تاغقا چىقىش ھەرىكىتى

4. يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

5. كەڭ ئارىلىق قويۇپ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

6. ئۈستۈنكى يانتۇ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

7. تۆۋەنگە يانتۇ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

8. ئالماس يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى

9. بىر قول، بىر پۇتتا يەر بېغىرلاش

تېڭشۈن تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى