سوئال-جاۋاب
كومپيوتېر ھەققىدىكى ھەرخىل سوئال-جاۋابلار سەھىپىسى
-
بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كومپيوتېرغا 32 بىتلىق سىستېما قاچىلانغان. كەسپكە ئائىت يۇمشاق دېتال 64 بىتلىق سىستېمىدا ئىجرا بولمىغاچقا، چوقۇم 32 بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ يەنىلا 2.5 گېگابايت ئەتراپىدا ئىشلەيدىكەن، بۇ سىستېمىدا ئۇنىڭدىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئامال بولسا كۆرسەتسىڭىز
32 بىتلىق سىستېما پەقەت ئەڭ چوڭ بولغاندا 2 نىڭ 32- دەرىجىسى بايت (تەخمىنەن 3.5 گېگابايتتىن سەل چوڭراق) ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللىيالايدۇ. كومپيوتېرغا ئۇنىڭدىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى…
داۋامى...» -
يانفوندىكى ھۆججەتلەرنى كومپيوتېرغا تورسىز يۆتكەشنىڭ قانداق ئامالى بار؟
تورسىز يۆتكەش ئۈچۈن كۆك چىش ياكى ئۇچۇر سىمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ئۇچۇر سىمىنى كۆپىنچە يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرمەيمىز، كۆك چىشنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا. بۇنى سىز يانفوننىڭ ۋە كومپيوتېرنىڭ ئېقىم مىقدارىنى سەرپ…
داۋامى...» -
خاتىرە كومپيوتېرنىڭ BIOS نى قانداق قىلىپ زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ؟
BIOS ھالىتىدە بىۋاسىتە F9 كونۇپكىسىنى بېسىپ سۈكۈتتىكى تەڭشەككە قايتۇرغىلى بولىدۇ. قىسمەن ماركىدىكى كومپيوتېرلاردا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، F4 نى بېىسپ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرىدىغان BIOS لارمۇ بار. ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز F1 كونۇپكىسىنى باسسىڭىز…
داۋامى...» -
قانداق قىلغاندا بىر كومپيوتېرغا ئىككى ئېكراننى بىر پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە ئۇلاشقا بولىدۇ؟
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر لازىم: (1) ئىككى دانە ئېكران؛ (2) ئىككى دانە ئېكران ئۇلاش ئېغىزى ۋە مۇناسىپ ئۇچۇر سىمى. نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كومپيوتېرلارنىڭ سىنكارتىلىرىدا (توپلاشما سىنكارتىنىمۇ ئۆز…
داۋامى...» -
مەن خاتىرە كومپيوتېرىمنى ئۈستەل كومپيوتېر ئېكرانىغا ئۇلاپ خاتىرە كومپيوتېرنىڭ ئېكرانىنى يېپىۋەتسەم ئۈستەل ئېكران ئۆچۈپ قالىدۇ. بۇنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟
بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى- نورمال تەڭشەك ھالىتىدە خاتىرە كومپيوتېرنى يېپىۋەتسىڭىز سىستېما ئاپتوماتىك ئۇخلاش ھالىتىگە (睡眠) كىرىدۇ ۋە ئېكران، قاتتىق دېسكا قاتارلىق كۆپ قىسىم ئۈسكۈنىلەرنى ئاپتوماتىك ئېتىۋېتىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، كونترول سۇپىسى (控制面板)…
داۋامى...» -
كومپيوتېرنىڭ بىئوسنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟
بىئوسنىڭ مەخپىي شىفىرى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى System دەرىجىلىك، يەنى كومپيوتېر قوزغىلىشتىن بۇرۇن مەخپىي شىفىر سورايدۇ، بۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى خىلى CMOS دەرىجىلىك، بۇنىڭدا سىستېمىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پەقەت…
داۋامى...» -
تىنچلىقمۇ، مەن بىر تور بەتنى ياقتۇرۇپ قالغانتىم، بۇ تور بەتتە گۈزەل سەنئەتكە ئائىت بىلىملەر شۇنداقلا رەسىملەر ساقلانغان، بۇلارنى ئايرىم- ئايرىم بىر تالدىن ساقلاش بەكلا ئاۋارىچىلىقكەن، بىر توربەتنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈن ھالەتتە ساقلىيالايدىغان يۇمشاق دېتال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار.
تور كۆرگۈچنىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. يەنى، تور يۈزىدە Ctrl+S نى باسسىڭىز ساقلاش رامكىسى ئېچىلىدۇ، ساقلاش تىپىنى «全部» قىلىپ تاللاپ ساقلىسىڭىز نۆۋەتتىكى تور بەت يۈزىدە ئېچىلغان بارلىق مەزمۇننى ساقلايدۇ،…
داۋامى...» -
كومپيوتېرغا بەزى ياغاچ ئات ۋىرۇسلىرى يۇقۇپ قالسا ئېكران قاپقارا بولۇۋېلىپ، 任务管理器، 运行 قاتارلىقلارمۇ ئېچىلمايدىكەن. تورسىز شارائىتتا بۇنداق مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ WinPE دا ۋىرۇسنى تازىلاپ يوقاتقىلى بولامدۇ؟
تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا بۇ خىل ھادىسە كۆرۈلىدۇ: 1. سىز دېگەندەك ۋىرۇس يۇقۇپ، سىستېما ھۆججەتلىرى بۇزۇلۇپ كېتىش (ئۆچۈپ كېتىش ياكى مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كېتىش)؛ 2. ۋىرۇسلانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس تازىلاش دېتالى ۋىرۇسلانغان ھۆججەتنى ئەسلىگە…
داۋامى...» -
مەن كومپيوتېرغا Win7 قاچىلىغان ئىدىم، قوزغاتسام D دېسكا يوق تۇرىدۇ، WinXP نى قايتا قاچىلىسام قوزغالمىدى، WinPE ئارقىلىق كىرىپ قارىسام ئەسلىدىكى D دېسكا C غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، شۇڭا كومپيوتېرنى قوزغىتالمىدىم. بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ؟
قارىغاندا سىز سىستېما قاچىلىغاندا رايوننى خاتا تاللاپ قويۇپسىز. ئەسلىدە Win7 ئوڭۇشلۇق قاچىلانغاندا سىز 此电脑 دا ئوڭ چېڭىپ، ئۇنىڭدىن 计算机管理 نى، بۇنىڭ ئىچىدىن 磁盘管理 نى چېكىپ كۆرۈپ باققان بولسىڭىز بولاتتى. بەلكىم…
داۋامى...» -
Micorost Office365 بىلەن Office2019 نىڭ تورسىز قاچىلاش بولىقىنى نەدىن چۈشۈرىمىز؟
MSDN تور بېكىتىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ، ئورگان تەرەپ ئەسلى نەشىر. تور ئادرېسى: https://msdn.itellyou.cn چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ئاكتىپلىشىڭىز كېرەك. بىز ئاكتىپلاش نومۇرى سېتىۋېلىپ ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر ئۇنىڭغا…
داۋامى...» -
كومپيوتېردا ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسىنى باشقا كومپيوتېرغا ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
كومپيوتېرنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. سىز پەقەت قاتتىق دېسكا نۇسخىلاش (كىلون قىلىش) يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان رايوننى ھۆججەتكە پىرىسلاپ، ئاندىن ئىككىنچى كومپيوتېرنىڭ…
داۋامى...» -
مەندەك سالوننى قۇرۇپ قويۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئولتۇرغانلار ئۈچۈن بىر قەلەم تەۋەتكەن بولسىڭىز، قانداق مەزمۇننى ئاساس قىلىپ، قانداق ئۇسۇلدا تېما تەييارلاپ يوللىساق بولار؟
بۇ ھەقتە مۇقىم بىر قېلىپ- ئۆلچەم يوق. سىزگە پەقەت ئۆز نوقتامدا تۇرۇپ تەكلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن. ئاۋۋال سالونىڭىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەڭ. سالوننى قۇرغان ۋاقىتتىلا بەلكىم كۆڭلىڭىزدە جەزمەن بىر سان بولۇشى مۇمكىن.…
داۋامى...»