ئالمىنى يۇيۇپ يېيىش كېرەكمۇ ياكى پوستىنى سويۇۋېتىپ يېيىش كېرەكمۇ؟
ھەممىمىز «كۈندە بىر تالدىن ئالما يەپ بەرسە، كېسەل بولمايدۇ» دېگەن گەپنى بىلىمىز. چۈنكى ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ، تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە يېلىمى، كالتسىي، كالىي، سىنك، تۆمۈر، ۋىتامىن A ،B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ۋە ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى خېلىلا مۇكەممەل بولۇپ، «ھەر جەھەتتىن ساغلام يېمەكلىك» دەپ تەرىپلەشكە، شۇنداقلا يەنە گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى دېيىشكە بولىدۇ.
بىراق ئالمىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ ياكى ئاقلىماي يېيىش مەسىلىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا.
بىز ئالمىنى ئامال بار پوستى بىلەن يېيىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالما پوستىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئېلېمېنتلار، تاماق تەركىبىدە دائىم كەمچىل بولىدىغان سىنك ئېلېمېنتى ھەمدە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولغان خۇروم ئېلېمېنتى قاتارلىقلار ئالما ئېتىنىڭكىدىن تۆت ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما پوستىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ ئالما ئېتىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر 100 گىرام ئالما پوستى تەركىبىدىكى پولىفېنول مىقدارى 307 مىللىگىرام، ئومۇمىي فلاۋون مىقدارى 184 مىللىگىرام، سىئانىدىن مىقدارى 105 مىللىگىرام بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋە ئېتىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇ ماددىلار رادىئاتسىيىگە قارشى تۇرۇش، قوغۇشۇننى چىقىرىپ تاشلاپ زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق قوشۇمچە روللارغا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالما پوستىدا يەنە ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالالىرى بولۇپ، ئەگەر پوستىنى سويۇۋەتسە، ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالالىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر مېۋە پوستىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ئەنسىرەپ پوستىنى سويۇۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھازىر دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت. شۇڭا پوستىنى سويغان تەقدىردىمۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر ئالمىنى پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز داۋاملىق شۇنداق يەۋېرىڭ، ئالما پوستىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز سويۇۋېتىپ يېسىڭىزمۇ ئەيىپلىگىلى بولمايدۇ.
ئالمىنىڭ پوستىنى سويماي يېيىش ئۈچۈن قانداق يۇيۇش كېرەك؟
ئالمىنى ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن يۇيۇپ، ياكى سۇغا بىردەم چىلاپ قويۇپ، ئاندىن يەنە پاكىز سۇدا چايقىۋېتىپ يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئامال بار باشقا نەرسىلەر بىلەن يۇيماسلىق كېرەك، بۇ مەخسۇس مېۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەلۋەتتە تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلەتسە ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بىراق ئېقىۋاتقان پاكىز سۇدا قايتا-قايتا ئەستايىدىل يۇيۇش ئارقىلىق، مېۋە پوستىدىكى قالدۇق ماددىلارنى چىقىرىۋەتكىلى بولغاچقا، باشقا ماددىلار بىلەن يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق.