ساغلاملىق

بۇ ئۈچ خىل ئۆسمە ئاسانلا بالىلاردا پەيدا بولىدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلاردا ئۆسمە پەيدا بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا. بالىلار ئۆسمىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىن ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىشقا پەقەت يېرىم يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. بالىلاردىكى ئۆسمە ئىرسىيەت ۋە مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى بايقاش تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان دەخلىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كېرەك.

بۇ ئۈچ خىل ئۆسمە ئاسانلا بالىلاردا پەيدا بولىدۇ

كۆپ يۈز بېرىدىغان بالىلار ئۆسمىسىدىن قايسىلار بار؟

1. لىمفا ئۆسمىسى

لىمفا ئۆسمىسى لىمفا قان ئىشلەش سىستېمىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يەنى خودكىن لىمغا ئۆسمىسى (霍奇金淋巴瘤) ۋە غەيرىي خودكىن لىمغا ئۆسمىسى (非霍奇金淋巴瘤). لىمغا ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئانچە روشەن بولمايدۇ، ئادەتتە ئىلگىرىلەشچان ھەم ئاغرىقسىز لىمغا تۈگۈنى يوغىناش كۆرۈلىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە قىزىش، ئورۇقلاش، تېرە قىچىشىش ۋە تەر چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. ئاق قان كېسىلى

ئاق قان كېسىلى يەنە قان راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە چارچاش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كەم قانلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داۋاملىق قىزىش، تېرىدە قاناش توچكىسى ياكى قان دېغى پەيدا بولۇش، بۇرۇن ۋە ئېغىز بوشلۇقى قاناش ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، بەدەن تەكشۈرتكەندە لىمفا تۈگۈنى ۋە جىگەر، تالنىڭ يوغىنىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

3. مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسى ئۆسمىسى

مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسى ئۆسمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرى باش سۆڭىكىدە ئۆسكەن ئۆسمە بولۇپ، ئۆسمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېڭە بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، داۋاملىق باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئاغرىش بىرقەدەر روشەن بولىدۇ. ئەگەر مېڭە لىپىلدىقى تېخى يېپىلمىغان بولسا، باش ئايلانمىسى چوڭىيىپ كېتىش ۋە مېڭە لىپىلدىقى تولۇق بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكرار قۇسۇش، بىئارام بولۇش ۋە كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر خىلى، ئۆسمىنىڭ نېرۋا توقۇلمىلىرىنى بېسىۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرى، مەسىلەن، بەزى ئۆسمىلەر ئاسانلا تارتىشىپ قېلىش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاغزى-كۆزى مايماق كېتىش ۋە پۇت-قولى پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كىچىك مېڭە ئۆسمىسى كىشىلەرنىڭ پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشماسلىق ۋە كېلەڭسىز قىلىش، يول مېڭىشى تۇراقسىز بولۇش، ئاسان يىقىلىپ كېتىش ياكى گەپ قىلىشى ئېنىق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئۈچ خىل ئۆسمە ئاسانلا بالىلاردا پەيدا بولىدۇ

بالىلار ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قايسىلار؟

1. لىمفا تۈگۈنى يوغىناش ۋە تىك دىيافراگما ئۆسمىسى

ئەگەر بالىنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان لىمفا تۈگۈنى ئىششىقى ۋە تىك دىيافراگمىدا ئۆسمە بارلىقى بايقالسا، بۇ ۋاقىتتا لىمفا ئۆسمىسى ياكى كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ئۆسمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

2. باش ئاغرىش ۋە قۇسۇش

ئەگەر ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن باش قاتتىق ئاغرىش ۋە قۇسۇش، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش ۋە يەرلىك ئورۇن پالەچلىنىش كۆرۈلسە، مېڭە ئۆسمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ئەگەر قىزىش قوشۇلۇپ كەلسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئەسكەرتىدۇ، مېڭە پەردە ياللۇغىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

3. قاناش ۋە سۆسۈن داغ

ئەگەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قاناش كۆرۈلسە، مەسىلەن: چىش مىلىكى ۋە بۇرنىدىن قان ئېقىش، چىرايى تاتىرىش، قان رەڭگى بولماسلىق ۋە تېرىدە قاناش توچكىسى، قان دېغى، ئاق قان ھۈجەيرىسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلسە ئاق قان كېسىلى بولۇشى مۇمكىن، بىراق قان ئۇيۇش ۋە قان پىلاستىنكىلىرى بىنورمال بولۇش ھەمدە يىلىك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

4. چۈشەندۈرۈش تەس بولغان قىزىش ۋە ئورۇقلاش

ئەگەر بالا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا-قايتا قىزىپ قالسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئورۇقلاپ ياكى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتسە، ئالدى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، لىمفا ئۆسمىسى ياكى ئاق قان كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇ ئۈچ خىل ئۆسمە ئاسانلا بالىلاردا پەيدا بولىدۇ

5. ئاق كۆز قارىچۇقى ۋە كۆز ئاغرىش

ئەگەر بالىنىڭ كۆز ئالمىسى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ھەمدە ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە ھەمدە كۆز قارىچۇقى ئاق بولسا، كۆرۈش تور پەردىسى ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بەلكىم تۇغما كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولۇش ياكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ۋە گىلاۋكوما بولۇشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

گەرچە بالىلاردىكى ئۆسمىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېز بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسمى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى توسقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلاردا روشەن بىئاراملىق ياكى گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ ئالدى ۋە بوينىنىڭ ئىككى تەرىپىنى سىيلاپ، قاتتىق-يۇمشاقسىز ئۆسمىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش؛ مۈرىسى ۋە ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ ئاستى-ئۈستى ئويمىنى ۋە قولتۇقىنى سىيلاپ، لىمفا تۈگۈنى يوغىناش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى