تەرمىلەر

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا نېمە ئىش قىلىسىز؟

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ناخشا ئېيتىش، يىغىلىشقا قاتنىشىش؟

ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىلىسىز، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ياخشى تاللاش ئەمەس.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

بەدىنىمىزدە 5-ھىدروكسى تىرىپتامىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بار، بۇ نەرسە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ۋە نېرۋا ئۆسۈكچە تېگىشمىسىدە كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت. بۇ نەرسە چەكلەش خاراكتېرلىك نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددا بولۇپ، قان زەردابى ماددىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، 5-ھىدروكسى ترىپتامىن خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان ئەلچى بولۇپ، كەيپىياتنى، زېھنىي كۈچنى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يارىتىدۇ، ھەتتا خامۇشلۇققا قارشى دورىلارمۇ مېڭىدىكى 5-ھىدروكسى ترىپتامىن سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 5-ھىدروكسى ترىپتامىن بەدىنىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاندا، تەشۋىشلىنىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كەيپىياتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى تەبىئىي ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە بىز كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

بىرىنچى، تۇخۇمنى كۆپ يېيىش

تۇخۇم يېيىش قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغان ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرسى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇخۇم قان پلازمىسىدىكى ترىپتوفان سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن. چۈنكى قان زەردابى ماددىسى ترىپتوفاندىن تەركىب تاپىدىغان بولغاچقا، ترىپتوفان سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالغان. تۇخۇم سېرىقى بۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

ئىككىنچى، ۋىتامىن B8 نى ئىستېمال قىلىش

ۋىتامىن B8 قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، يېمەكلىكتىن ئىنوزىتول ۋە ۋىتامىن B8 قوبۇل قىلىنسا، چوڭ مېڭىدىكى قان زەردابى ماددىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىشكە، تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بار. بېلىق، تۇخۇم، پالەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇنداق ۋىتامىننى تاپقىلى بولىدۇ.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

ئۈچىنچى، ۋىتامىن B6 نى ئىستېمال قىلىش

ۋىتامىن B6 قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغان يەنە بىر تەبىئىي ئۇسۇلدۇر، بەدەندە ۋىتامىن B6 كەمچىل بولسا، قاندىكى قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەمدە خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋە، بانان قاتارلىق يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن B6 كۆپ.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

تۆتىنچى، ۋىتامىن C نى كۆپ ئىستېمال قىلىش

ۋىتامىن C مۇ قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغان بىر مەنبە. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، خامۇشلۇق كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن C يەنە ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، تەن ساغلاملىقى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن.

 

بەشىنچى، بەدەندىكى ماگنىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش

ماگنىينىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ناھايىتى روشەن، كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى قان بېسىمى ۋە قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ماگنىينىڭ كەمچىل بولۇشى قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتكۈل پىسخىكا ھالەتنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىكەن.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

ئالتىنچى، قېنىپ ئۇخلاش

ئۇيقۇ كەمچىل بولسا قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇيقۇنىڭ كەيپىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا كەيپىيات تۇراقلىق بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ روھىي ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە پىسخىكىسى تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

يەتتىنچى، ھەرىكەت قىلىش

ھەرىكەت ترىپتوفان سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاندىكى باشقا ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ترىپتوفانغا ياخشى مۇھىت تەمىنلەپ، قان زەردابى ماددىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان سەككىز خىل تەبىئىي ئۇسۇل

سەككىزىنچى، ئاپتاپقا قاقلىنىش

ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قۇياش نۇرى بەدەندىكى قان زەردابى ماددىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن، سىرتقا 20 – 30 مىنۇت ئەتراپىدا قۇياش نۇرىغا قاقلانغاندا، قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

يۇقىرىقى سەككىز نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، بەدەندىكى قان زەردابى ماددىسىنىڭ سەۋىيەسى ساغلام ھالەتتە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەيپىياتىڭىزنى خوشال ساقلىيالايسىز. بۇ تەبئىي چارىلەر تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زىيادە يەپ-ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللارغا قارىغاندا كۆپ ئۈنۈملۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى