ساغلاملىق

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ ئۇ دەل يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى، بىز ئۇنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز! ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى بىمارلىرى 180 مىليونغا يەتكەن، ھەمدە ئادەم سانى ئۈزلۈكسىز ئ‍اشماقتا. سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش زادى قانداق ئىش؟ ئۇ ئادەم بەدىنىگە يەنە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟
سۈيدۈك كىسلاتاسى پۇرىن (嘌呤) مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلى، پۇرىن كۆپەيسە سۈيدۈك كىسلاتاسىمۇ تەبىئىي ھالدا كۆپىيىدۇ. يېمەكلىككە تايىنىپ «ئوغرىلىقچە» ئادەم بەدىنىگە كىرىۋالغان پۇرىن مىقدارى تەخمىنەن %15نى ئىگىلەيدۇ، قالغان %85تى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆز مېتابولىزمىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ كۆپ قىسمى سۈيدۈك (بۆرەك) ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، ئاز بىر قىسمى گەندە ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى (痛风)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوزۇلما بۆرەك زەخىملىنىش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

سۈيدۈك كىسلاتاسى قانچىلىك يۇقىرى بولسا ئاندىن يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ؟
ئەرلەر سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ نورمال قىممىتى: 416~149μmo1/L؛
ئاياللار سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ نورمال قىممىتى: 357~89μmo1/L؛
ئەگەر كۆرسەتكۈچ نورمال قىممەتتىن ئېشىپ كەتسە، سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولىدۇ. لېكىن، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، سۈيدۈك كىسلاتاسىنى بۇنداق «نورمال» دائىرىدە كونترول قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى سەۋىيەسى پەقەت ئۇزاق مۇددەت 300μmol/L ئىچىدە مۇقىملاشقاندىلا، پوداگرا تېشى (痛风石)نىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسى 300μmol/Lدىن تۆۋەنلىسە، ئاندىن نورمال كۆرسەتكۈچكە يەتكەن بولىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇشنىڭ تۆت چوڭ زىيىنى
1. بوغۇملارنى زەخىملەندۈرىدۇ
قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۇزاق مۇددەت ئۆرلىسە، سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرى بوغۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا چۆكۈپ، پۇت بارمىقى، ئوشۇق، تىز بوغۇمى قاتارلىق جايلاردا جىددىي خاراكتېرلىك قاتتىق ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داۋاملىشىۋەرسە بەدەننىڭ بوغۇم توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ياللۇغ خاراكتېرلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

2. يوشۇرۇن «بۆرەك قاتىلى»
يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى ئالدى بىلەن بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ، جىددىي، سوزۇلما سۈيدۈك كىسلاتالىق بۆرەك كېسىلى ۋە سۈيدۈك كىسلاتالىق بۆرەك تېشى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى قان كىسلاتالىق سۈيدۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تەرەققىي قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەخىملىنىش، بۆرەك شەكلى نورمالسىزلىنىشتىن بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ھەتتا زەئىپلىشىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

3. قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش
سۈيدۈك كىسلاتاسى ئەمەلىيەتتە بىر خىل كېرەكسىز ماددا بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدە سۈيدۈك كىسلاتاسى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى بولسا، قان تومۇر دىۋارىنى غىدىقلاپ داغ پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيەنىڭ قېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

4. دىيابېت كېسەللېكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئادەتتە «ئۈچ يۇقىرى» بىلەن بىللە پەيدا بولۇپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر-بىرىنى سەۋەب-نەتىجە قىلىدۇ. يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئادەم بەدىنىنىڭ گلۇكوزىدىن (葡萄糖) پايدىلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن بەدەندىكى ئىنسۇلىنغا تەسىر يېتىپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

بۇ ئۈچ سىگنال بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ
سىگنال بىر: بوغۇم ئىششىپ قېلىش
ئەگەر سۈيدۈك كىسلاتاسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قانغا چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك كىسلاتا كىرىستالىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوغۇم ئورنى ئىششىپ، بوغۇم ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ بەدەن چىقارغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
سىگنال ئىككى: بۆرەكنىڭ زىيانغا ئ‍ۇچرىشى
ئەگەر سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كەتسە، بۆرەك سۈيدۈكنىڭ كىسلاتالىق تەسىرى تۈپەيلىدىن ئورگانىك ياللۇغ پەيدا بولۇپ، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بەزىدە يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، مۇسكۇل كىسلاتاسى ئۆرلەش قاتارلىق بىنورمال ئىپادىلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

سىگنال ئۈچ: يەللىك بوغۇم تېشى پەيدا بولۇش
يەللىك بۇغۇم تېشى، يەنى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرسا، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇمشاق توقۇلمىلارغا چۆكۈپ، بەزى كىچىك تۈگۈنلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قۇلاق چاقى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ كىرىستاللىشىشى كۆپىيىپ، يۇمشاق توقۇلمىلارغا چۆكۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى توغرىسىدا ئىككى چوڭ سوئال:
بىرىنچى سوئال: سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا چوقۇم يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولامدۇ؟
جاۋابى: ناتايىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا باراۋەر دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن %10 يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى بىمارلىرىدا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى يۈز بېرىدۇ. سۈيدۈك كىسلاتاسى قەيەرگە چۆكسە، شۇ يەر ئاغرىيدۇ. شۇڭا سۈيدۈك كىسلاتاسى سۆڭەك، بوغۇملارغا يىغىلىپ قالغاندىلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈيدۈك كىسلاتاسى بۆرەككە يىغىلىپ قالسا بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سۈيدۈك يولىغا يىغىلىپ قالسا سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

ئىككىنچى سوئال: تەر ئارقىلىق سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ؟
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەر سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 35.7μmol/L؛
شۇڭا ھەرىكەت قىلىپ تەر چىقىرىش ئارقىلىق سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىش ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ، سۈيدۈك كىسلاتاسى ئاساسلىقى سۈيدۈك ۋە تەرەت ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ.
دائىم مۇشۇ ئۈچ چوڭ پەللىنى بېسىپ بەرسىڭىز، بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈپ سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

1. تەيشى پەللىسى (太溪穴)
ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئ‍ەتراپىدا بېسىپ بەرسە بولىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

2. چىخەي پەللىسى (气海穴)
كىندىكتىن ئىككى بارماق ئاستىدا، ھەركۈنى 10 مىنۇت باش بارماق بىلەن ئ‍ۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

3. يۇڭچۇەن پەللىسى (涌泉穴)
باش بارماق ياكى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئۇچىدا ھەر كۈنى 100 قېتىم ئۇياق-بۇياققا بېسىپ ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇنداقتا «تۆتىنچى يۇقىرى»نى بىلەمسىز؟ خەتىرىنىچۇ؟

يېمەكلىك جەھەتتە سۇنى كۆپ ئ‍ىچىش، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. پۇرىن تەركىبلىك يېمەكلىك، يەل قازان شورپىسى (خوگو)دىن يىراق تۇرۇش، پىۋا ئىچمەسلىك، ئىسسىقلىق ۋە ياغنى كونترول قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى