ساغلاملىق

دۈمچەكلىكنىڭ زىيىنى

گاھى چاغلاردا سەل ئالدىغا ئېڭىشىپ ماڭىدىغان ياكى بوينىنى سەل ئالدىغا سوزۇپراق ئۆرە تۇرىدىغان كىشىلەر ئۇچراپ قالىدۇ. بۇلار ئادەتتە كىشىگە روھسىز ۋە ھارغىن كۆرۈنىدۇ. «دۈمچەك» كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بەلكىم كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بوي ئىگىزلىكىگە گۇمانىي ھالەتتە قاراش. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ھالىتىدىكى مەسىلىلەر، دەرۋەقە دۈمچەكلىك ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تۇرقىنى سەتلەشتۈرىدۇ، ئەمما بۇ ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا سالامەتلىككە بەلگىلىك تەسىر يېتىدۇ.

دۈمچەكلىكنىڭ زىيىنى

تۇرۇش ھالىتىنىڭ كۆرۈمسىز بولۇشى دۈمچەكلىكنىڭ كىچىكلا بىر «جازاسى». دۈمچەكلىك ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئومۇرتقىنىڭ بىر خىل شەكلى ئۆزگىرىش ھادىسىسى. كۆپىنچە دۈمبە ۋە مۈرە مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچسىز ھەم بوشىشىش سەۋەبلىك كۆكرەك ئومۇرتقسىنىڭ كەينىگە پولتىيىشىدىن بولىدىغان بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى. دۈمچەك بولغاندا كۆپىنچە بەلمۇ ئېگىلىدۇ، بۇنداق ئومۇرتقىدىكى ئىككى خىل ئۆزگىرىش بەدەنگە ھەقىقەتەن ناچار تەسىر كەلتۈرىدۇ. ئۇنداقتا دۈمچەك بولۇپ قالغاندا بەدەن قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ؟ بۇنى چۈشىنىپ بېقىڭ.

1. سەمرىپ كېتىش

ئادەمنىڭ يۈزىدىكى مۇسكۇللار بىلەن باشنىڭ كەينى، بويۇن ۋە دۈمبىدىكى مۇسكۇللار تۇتاش بولىدۇ. ئادەم دۈمچەك ئولتۇرغاندا، يۈزنىڭ مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، مېتابولىزم تۆۋەنلەپ، ئوڭايلا ياغ توپلىشىپ، يۈز قىسمى سەمىرىدۇ. دۈمچەيگەندە دۈمبە ئالدىغا ئېگىلىپ، مۈرە-بىلەك ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، ئاقىۋەتتە قورساق مۇسكۇلى بوشىشىپ ئاسانلا ياغ توپلىشىۋالىدۇ.

2. يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش

نورمال ئادەمنىڭ كۆكرىكىنىڭ ئىگىزلىكى 25-20 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. دۈمچەيگەندە 5-3 سانتىمېتىرغىچە تارىيىدۇ، ھەمدە قوۋۇرغا ئىچىگە ئولتۇرۇشىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك بېسېلىپ ياخشى كېڭىيەلمەي سىقىپ چىقارغان قان مىقدارى ئازلايدۇ. بەدەن يېتەرلىك قانغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئادەمدە دېمى سىقىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

دۈمچەكلىكنىڭ زىيىنى

3. يۈرەك-ئۆپكە زەخىمگە ئۇچراش

كۆكرەك قىسمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆكرەك قەپىزىنىڭ سىغىمى كىچىكلەيدۇ، نەتىجىدە ئۆپكە سىغىمچانلىقى كىچىكلەپ، نەپەس ئېلىش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئادەمنىڭ ھەرىكەت چىدامچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ.

4. ئومۇرتقىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى

دۈمچەيگەندە ئادەمنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان «كۆرۈنمە ئۈنۈمى»گە تەسىر يېتىپلا قالماستىن يەنە بويى پاكارلاپ كەتكەندەك، قېرىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. دۈمچەيگەندە ئومۇرتقىلارنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ نېرۋىلار بېسىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەل ئومۇرتقا ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

5. قەۋزىيەت

دۈمچەيگەندە قورساق بوشلۇقى كىچىكلەپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىغا تەسىر يېتىدۇ. ھەمدە ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر دۈمچەكلىك ئەھۋالى بولغاندا يەنە تېخى ئىچكى ئەزالارنىڭ ئورنى يۆتكېلىپ قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ.

6. بويۇن-مۈرە، كۆكرەك-دۈمبە سۆڭەكلىرى ئاغرىش

دۈمچەيگەندە باش-بويۇن ۋە كۆكرەك مۇسكۇللىرى تارتىشىپ مۇسكۇللار ئاسانلا چارچاپ زەخىملىنىدۇ. شۇڭا ئادەمنىڭ ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇش ۋاقتى سەللا ئۇزىراپ كەتكەندە، دۈمبە، بەل ياكى پۇت تېلىپ ئاغرىيدۇ.

7. باش قېيىش ۋە قول ئۇيۇشۇش

بۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۈمچەكلىك ئېغىر بولغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتىدىغان ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى بېسېلىپ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ.

دۈمچەكلىكنىڭ زىيىنى

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئولتۇرۇش، مېڭىش ھالىتىنى توغرىلاپ دۈمچەكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى