تەرمىلەر

ھۆسن تۈزەشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ھۆسن تۈزىتىشنى تاللايدۇ. لېكىن، بىز ئادەتتە ھۆسن تۈزىتىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى، ھەتتا داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ھۆسن تۈزىتىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا زادى ھۆسن تۈزىتىشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

ھۆسن تۈزەشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

ھەرقانداق ئوپېراتسىيەنىڭ مۇئەييەن خەتىرى بولىدۇ، لېكىن ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ خەتىرى باشقا داۋالاش ئوپېراتسىيەلىرىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

ئالتە خىل ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: بۇرۇن، كۆز، قورۇق يوقىتىش، ماي سۈمۈرۈش، ئەمچەك ۋە ئېڭەك شەكلىنى تۈزەش.

ھۆسن تۈزەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئەكس تەسىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەللىكنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى چەكلىك بولىدۇ. ئەگەر داۋالاش تېخنىكىسى بىرقەدەر ياخشى بولغان ھۆسن تۈزەشنى قوبۇل قىلىپ، سۈپىتى ياخشى بولغان تولدۇرما ماددىلارنى تاللىسا، نىسبەتەن بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا بەلگىلىك ئىقتىسادىي چىقىم كېتىدۇ.

ھۆسن تۈزەشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

لازېر نۇرى تۈرىدىكى داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ قوشۇمچە ھۆسن تۈزەش رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خېيىم-خەتىرى بىر قەدەر كىچىك. لېكىن، مەشغۇلات مۇۋاپىق بولماسلىق ۋە شەخسىي ئامىللارمۇ قىزىرىپ ئىششىش، قاقاچ تۇتۇش، زىيادە سېزىمچانلىق، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قارىداش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ.

ھۆسن تۈزەشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۆسن تۈزەشنىڭ خەتىرى يەنىلا ناھايىتى چوڭ. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن رازى بولمىساق، باشقا جايلاردا ئۆزىمىزنى كۆپرەك يۈكسەلدۈرسەكمۇ بولىدۇ. ھۆسن تۈزەشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئەگەر گۈزەللىككە تېخىمۇ چىرايلىق بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلار بولسا، مۇنتىزىم دوختۇرخانا ۋە كەسپى دوختۇرلارنى تېپىپ مەشغۇلات قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى