يېمەك-ئىچمەك

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

1. قاتلىما

قاتلىمىنىڭ خېمىرىنى نېپىز يېيىپ پىشۇرۇپ، چۈرۈك ۋە يېڭى كۆكتاتلاردىن مەسىلەن سەۋزە، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى ھەمدە سۇدا تەملەندۈرۈپ پىشۇرغان گۆش، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يەتتىدە ئۈچ نىسبەت بويىچە قەلەمچە توغراپ تەييارلاپ، پۇشۇرۋالغان قاتلىمىغا ئوراپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

2. توخو گۆشى

باش ئەتىياز كۈنلىرى بەدەننى ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش جىسمانىي كۈچنى تولۇقلاپلا قالماي، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توخو گۆشى ئۈچەينى ئىللىتىپ، قان ۋە تالنى قۇۋەتلەشتىكى ئالدىن تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ياشانغانلار ۋە بالىلار توخو شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ياخشى.

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

3. كۈدە

كۈدە، ئاشكۆكى، سۇڭپىياز، زەنجىۋەل، سامساق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىتى ئىللىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە تىزگىنلەش رولىغا ئىگە. كۈدىدىكى فوسفورلۇق ماددا بەدەننىڭ ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن Bنى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، باكتېرىيە يوقىتىپ، ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

4. ھەسەل

ھەسەل ئۈچەينى سىلىقلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، قەۋزىيەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ھەسەلگە 60 گىرادۇسلۇق ئىلىمان سۇ قۇيۇپ ئىچكەندە، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ھەسەل سۈيى ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكان ئىچىشكە ماس كېلىدۇ. ھەسەل سۈيى يەنە جىگەرنى قوغداش رولىغا ئىگە.

باش ئەتىيازدا مۇنۇلارنى كۆپرەك يەڭ

5. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى

كىلىمات قۇرغاقلاشسا، ئېغىز قۇرۇش، كالپۇك يېرىلىش، جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، ئەتىيازدىكى بەدەننىڭ قۇرغاقلىشىشتىن بولغان بىئاراملىقىنى يېنىكلىتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى