يېمەك-ئىچمەك

قىرتاق تەملىك يېمەكلىكلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى

قىرتاق تەملىك يېمەكلىكلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى

قىرتاق تەملىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يېيىش ساغلاملىققا پايدىلىق:

1. لىمون، تۇرۇچ (柚子) قاتارلىق ئاپېلىسىن تۈرىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ پوستىدا فلاۋون ماددىسى (黄酮) بولۇپ، يېگەندە قىرتاق بىلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇ ماددىلارنىڭ ياللۇغ ۋە ئوكسىدلىنىشنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا قارشى تۇرۇش، قاننىڭ شىلىمشىقلىقىنى تۆۋەنلىتىش، قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. مەسىلەن ئاپېلىسىن، تۇرۇچ قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسىنى يەپ، پوستىنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، داغ يوقىتىدۇ ۋە مەسلىكنى يېشىدۇ.

2. چارخەمەك (苦瓜)، ئۇ بىر خىل ئالكالوئىد تۈرىدىكى ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشىدىكى ياخشى دورا بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. چارخەمەكتە ۋىتامىن، كالىي قاتارلىق ماددىلا مول. تەركىبىدە يەنە خروم ۋە ئىنسۇلىنغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددا بولغاچقا، دىئ‍ابېت بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىكى تاللىشى بولالايدۇ. بىراق چارخەمەكتىىكى قىرتاق ماددىنى بەك كۆپ قوبۇل قىلىش بىر قەدەر خەتەرلىك بولغاچقا، كۈندە ۋە ھەر ۋاق تاماقتا يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

3. چاي، قەھۋە قاتارلىقلاردىكى قىرتاق تەم ئاساسلىقى كوففېئىندىن كېلىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، مېڭىنى سەگىتىدۇ. چاينى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكەندە ئىككىلەمچى دىئ‍ابېت كېسىلى، مېڭە سەكتىسى ۋە يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، تۇخۇمدان ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈنىگە بىر ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىشمۇ ئوخشاشلا دىئ‍ابېت، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسى كېسەللېكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بىراق قەھۋە ئىچكەندە قەنت ياكى شېكەرنى ھەمراھ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھامىلدارلار قەھۋەنىڭ قوبۇللىنىش مىقدارىنى ئازايتىشى، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قەھۋە ئىچىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

تۆت تۈرلۈك قىرتاق تەم خەۋپلىكتۇر:

1.كاۋا تۈرىدىكى كۆكتاتلار، مەسىلەن: سەي كاۋىسى، تەرخەمەك، كاۋا قاتارلىقلار بۇزۇلۇپ تەمى قىرتاقلاشسا ئىستېمال قىلماڭ.

2. تەمى ئۆزگەرگەن ئاپېلىسىن تۈرىدىكىلەر.

3. ئوتتۇرى قاتتىقلاشقان، تەمى قىرتاقلاشقان تاتلىقبەرەنگى.

4. يېڭى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، سۇدا ئېرىسە زەھەرلىك گىدروسىيانىد ۋە بېنزالىدېگىد ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر كۆپ يېسە ئادەمنى زەھەرلەيدۇ. گەرچە جۇڭيى تېبابىتىدە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى بىلەن باشقا جۇڭيى دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ زۇكام، يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىسىمۇ، بىراق چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى