يېمەك-ئىچمەك

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

چاغان يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، يەرياڭىقى، مېۋە-چېۋە، شىمىشكا ھەر بىر ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان چاغانلىق مال، بولۇپمۇ شىمىشكا، نۇرغۇن كىشىلەر شىمىشكا يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چاغاندا بىر تەرەپتىن چاغانلىق سەنئەت كېچىلېكىنى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن شىمىشكا چاقسا، بىر تەرەپتىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن پاراڭلاشسا، نېمىدېگەن راھەت-ھە! ھېيت-بايرام بولمىغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر تىياتىر كۆرگەندە شىمىشكا چېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

لېكىن، بەزى كىشىلەر شىمىشكانى كۆپ يېسە ياخشى بولمايدۇ، شىمىشكانىڭ ماي مىقدارى كۆپ بولۇپ، كۆپ يېسە ماي ئىچكەن بىلەن باراۋەر، ئۇ بەدەننىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئورۇقلاشقا پايدىسىز، يەنە تەن ساغلاملىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەت مۇشۇنداقمۇ؟ شىمىشكانى كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

شىمىشكا يېگەنلىك ماي ئىچكەنلىك ئەمەس!

شىمىشكا مېغىزىدىن شىمىشكا شاكىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، تەخمىنەن يېرىمىلا يېيىشكە بولىدۇ، يەنى شىمىشكا مېغىزى! گەرچە ياغنىڭ شىمىشكا مېغىزىدىكى مىقدارى %50نى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما شىمىشكا يېيىش ماي ئىچىش دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ ياغلارنىڭ كۆپىنچىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق. شۇڭا، شىمىشكا چاققانلىق ماي ئىچكەنلىك بىلەن باراۋەر، دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ!

شىمىشكانىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىر قەدەر مول.

ئەمەلىيەتتە، شىمىشكانىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى، لىنولېئىك كىسلاتاسى قاتارلىق بەدەنگە پايدىلىق ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋىتامىن، ئاقسىل، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، كالىي، ماگنىي، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارمۇ شىمىشكادا بولىدۇ.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

دائىم شىمىشكا چاققاندا، ئاقسىل، ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىگە مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق، مەسىلەن، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، بەدەن بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ۋەھاكازا.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

شىمىشكا ياخشى بولسىمۇ، ئاچكۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ.

گەرچە شىمىشكانىڭ تەركىبىدە بەدەنگە پايدىلىق ماددىلار، شۇنداقلا تەركىبىدىكى ياغلارنىڭ كۆپىنچىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بەك كۆپ يېسە، قوبۇل قىلغان ياغ مىقدارى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسىدە بەلگىلەنگەن يېمەكلىك مېيىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، بەلگىلىك زىيان پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

شىمىشكانى دائىم يەيدىغانلار مۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى ئاسان بۇزۇلىدۇ ياكى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئاسان پەيدا بولىدۇ، شۇڭا چوقۇم بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يەۋالماسلىق، شىمىشكا چاققانىدا كۆپ سۇ ئىچىش كېرەك. تىياتىر كۆرگەندە، پاراڭلاشقاندا يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ۋاقتىدا يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئىش قىلغاندا كۆڭۈل قويۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

بەزى شىمىشكانى ئاز يېيىش كېرەك، بەزى شىمىشكانى يېگىلى بولمايدۇ!

بەزىدە سودىگەرلەر مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى سېتىش، ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ھەر خىل تەمدىكى شىمىشكانى بازارغا سالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىي تەمدىكى، ھەسەلنىڭ، كوكۇس قەنتى، بەش خىل پۇراقلىق، يېشىل چاي، قىسقۇچپاقا سېرىقى قاتارلىقلار بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەمى ھەر خىل بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغىنىنى تاپالايدۇ ياكى ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنىنى تاپالايدۇ.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

بەزى شىمىشكانى قەتئىي يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، كۆكىرىپ قالغان، نەملىشىپ قالغان شىمىشكالار! بۇنداق شىمىشكالارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ تەس. پاختىلىشىپ قالغان، تەركىبىدە ئافلاتوكسىن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەدەنگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. نەملىشىپ قالغان شىمىشكانىڭ تەمى ياخشى بولمايلا قالماستىن، بەلكى كۆكىرىپ قېلىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇنداق شىمىشكادا ئافلاتوكسىن بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.

شىمىشكا چېقىش ماي ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟ كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

ئومۇمەن، شىمىشكا كىشىلەر تۇرمۇشتا ياقتۇرىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى خاتىرجەم، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، خۇشاللىقنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمما، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق، بولۇپمۇ پاختىلىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن شىمىشكانى يېمەسلىك كېرەك. يېگەندە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى