ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟

ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟

ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟ يېقىندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ سوئالنى سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئەسلىدە ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزى كىشىلەرنى ئەيدىزدىن قورقۇشتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى، لېكىن بۇ سوئال كاللىسىغا كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ ساراسىمىگە چۈشكەن. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئورگانىزم ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى يوقىتىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپلا ھۈجەيرە گېنى بىلەن بىرلىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇنى ئايرىۋېتىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرىدىغان كۈچىمۇ بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىر خىل «گېنغا قوشۇلغان» ۋىرۇسقا ئايلىنىدۇ. باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئانتىتېلانىڭ ئادەم بەدىنىنى قوغداش رولى ناھايىتى تۆۋەن، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزگىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىر كۈندە 10 مىليارد ۋىرۇسنى كۆپەيتەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېننىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئون مىڭدىن بىر، بۇنداق تېز تاسادىپىي ئۆزگىرىش ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا بۇ دەل ھازىرغىچە ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟

ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلى سىناق قەغىزىچۇ؟ ئۇنىڭ پىرىنسىپىنى كۆپ قېتىم سۆزلەپ ئۆتتۇق، سىناق قەغىزىدىكى بولسا نىترات سېللۇلوزا پەردىسىنىڭ ئۈستىنى قايتا گۇرۇپپىلاش ياكى پولىپېپتىد HIV رېئاكسىيەلەشكۈچى ماددىدىن ئىبارەت، بۇ خىل رېئاكسىيەلەشكۈچى ماددا بىر خىل سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن بىرىكمە ماددا بولۇپ، رېئاكسىيەلەشكۈچى ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىغا ئۇچراپ رېئاكسىيەلەشكەندىن كېيىن ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئورالغان تەكشۈرۈش رايونىدىكى ئانتىگېن بىلەن بىرىكىپ HIV ئانتىتېلاسى-قايتا گۇرۇپپىلاش ياكى پولىپېپتىد HIV ئانتىگېن بىرىكمە ماددىسىنى ھاسىل قىلىپ رەڭ كۆرسىتىدۇ. سىناق قەغىزىنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگىنى ئانتىتېلا بىلەن رېئاكسىيەلەشكەن بىرىكمە ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق يۇقۇمچانلىقىمۇ يوق، بۇ بىر خىل شارچە ئاقسىل بولۇپ، ۋىرۇس ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى