«بۆرە ئادەم يىغىندى كېسەللىك» تارىخىغا نەزەر
ـــ ئۇنىڭ ئاياللارغا خاس بەدەن شەكلى ۋە ئىنچىكە بارماقلىرى بار، قول-پۇت ئالىقىنىدىن باشقا ھەممە يەرنى ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان تۈكلەرنى يېپىپ تۇرىدۇ….
19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر ياۋروپالىق «بۆرە ئادەم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» بولغان بىمارنى كۆرگەندە: «كىشىلەر <تۈكلۈك> كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى ئۇزۇن تۈكلەر شۇ ھامان باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇلار قارىماققىلا باشقا ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.
تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى «تۈكلۈك» كېسەللىك خاتىرىسىنى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن جەمئىي نەچچە ئون بىمار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇرى پېتىر گونزالېس ئىسىملىك بىر ياۋروپالىق.
1853-يىلى ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن سىبولد ئاۋسترىيەنىڭ ئامبلاس قەلئەسىدىن تېپىۋالغان رەسىم
مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ رەسىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىگە ئوخشاش، سىبولد تەبىئىي ھالدا بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان، ئۇ ئالاقىدار كىشىلەردىن تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن رەسىمدىكى ئەرنىڭ رەسسامنىڭ «خىيالى» بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رەسىمدىكى ئەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك جەمەت ئۇچۇرلىرىنى تاپماقچى بولغاندا، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەنلېكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن سىبولد ئامالسىز قالغان.
گەرچە سىبولد ئەينى چاغدا ئېنىق ئۇچۇر تاپالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يازما خاتىرىسى 100 يىلدىن كېيىن جاۋابقا ئېرىشكەن، 1961-يىلى ۋارۇند بېرگ ئىسىملىك بىر ئالىم ئىنچىكە ۋە جاپالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، رەسىمدىكى سىرلىق ئەرنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ۋە ئۇنىڭ بىر ھېكايىسىنى تاسادىپىي بايقىغان.
رەسىمدىكى ئەرنىڭ ئىسمى پېتىر گونزالېس بولۇپ، 1556-يىلى كانارى تاقىم ئاراللىرىدا تۇغۇلغان، بۇ غەربىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقى سىرتىدىكى بىر ئارال.
كانارى تاقىم ئاراللىرى
گونزالېس تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن بەدىنى قويۇق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، بالىلىق چاغلىرىدىلا «سوۋغات» سۈپىتىدە فىرانسىيەدىكى ھېنرىⅡگە تەقدىم قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا فىرانسىيەنىڭ بۇ پادىشاھى ئىنسانلارنىڭ تۇغما غەلىتە قىياپىتى ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىدىكەن، شۇڭا گونزالېس ھېنرىⅡنىڭ ئوردىسىدا ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىنغان.
كېيىن گونزالېس فىرانسىيەلىك بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغان، ئۇ دەل رەسىمدىكى ھېلىقى ئايال بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلاد قالدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە بەش بالىسىغا «تۈكلۈك» كېسەللىكى ئىرسىيەت قالغان، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى نۇرغۇن رەسساملار گونزالېسنى سىزىشقا ئىنتايىن قىزىققان ھەم نۇرغۇن ماي بوياق رەسىملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تېمىدا سىزىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ماي بوياق رەسىملەر ئاۋسترىيەنىڭ ئامبراس قەلئەسىگە يوشۇرۇنغان.
گونزالېستىن باشقا لائوسنىڭ تارىخىدىمۇ بىر داڭلىق «تۈكلۈك» كېسىلى بىمارى بولغان، ئۇنىڭ ئىسمى شۋىي مېياڭ، ئۇمۇ پادىشاھقا ئويۇنچۇق ئورنىدا سوۋغات قىلىنغان، ئۇنىڭ يۈزىدىكى كالپۇكىدىن باشقا ھەممە يېرى ئۇزۇن تۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قۇلىقىدىكى تۈكلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، ئادەمسىمان مايمۇنلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچلۇق چىشى بار ئىكەن، پادىشاھ ئۇنىڭغا بىر قىز ئىنئام قىلغاندىن كېيىن تۆت پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى نورمال، لېكىن تۆتىنچى قىزى تۈكلۈك تۇغۇلغان، بۇ قىزغا ماپخون دېگەن ئىسىم قۇيۇلغان.
قىزى تۇغۇلغاندىلا قۇلىقىغا ئۇزۇن تۈك ئۆسكەن، ئالتە ئايلىق بولغاندا پۈتۈن بەدىنىنى تۈك قاپلاپ كەتكەن، لېكىن ئۇ چاغدىكى تۈكلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئەمما 26 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ يۈزى، قۇلىقى پۈتۈنلەي قويۇق تۈك بىلەن قاپلىنىپ، تۈكلىرى ئۆسۈپ 20-25 سانتىمېتىرغا يەتكەن. ئۇنىڭغا دادىسىدەك ئۇزۇن يۇڭدىن باشقا ئۇچلۇق چىشىمۇ ئىرسىيەت قالغان.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن شۋىي مېياڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، لېكىن قىزى ماپخون ئىككى بالىلىق بولغان بولۇپ، ئوغلى موئۇڭ پخوسېت بەش ياشقا كىرگەندە ئۆزىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلگەن، ئوغلى تاكى تويى بولغۇچە ئىزچىل جەمەتىدە ياشاپ كەلگەن. كېيىن توي قىلىپ بىرنەچچە بالىلىق بولغان، يالغۇز بىردىنبىر قىزى ماكمېغا «تۈكلۈك» كېسىلى ئىرسىيەت قالغان، بۇ خىل «تۈكلىشىش گېنى» شۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر ئەۋلادتتىن ئىرسىيەت قالغۇچى چىققان.
1885-يىلى ھازىرقى لائوس رايونىدا ئۇرۇش پارتلىغاندا، ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ جەمەت ئەزالىرى تاغدىكى ئورمانلىققا مۆكۈۋالغان، ئىتالىيەلىك بىر ھەربىي ئەمەلدار شۇ جايدىكى پادىشاھ بىلەن يېقىن دوست بولۇپ، ئۇ «تۈكلۈك ئادەم» ھادىسىسىگە ئىنتايىن قىزىقىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ جەمەتنى ئىزدەپ تاپقان. بۇ ئوفىتسېر ئۇلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئۆزىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن ياۋروپادا نۇرغۇن پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ جەمەتنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇلار «بۇ جەمەت ئەزالىرىنى سىلاش ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپقان.
ئەينى ۋاقىتتىكى شۋىي مېياڭ جەمەتىدىكىلەر
لېكىن بۇ جەمەت شۇنداق نام چىقارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تارىخى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىنىشتىن كېيىن توختاپ قالغان، چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تارىختىن غايىب بولغان، ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلېكىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن.
مېكسىكىلىق ئۇسسۇلچى جۇلىيا پاسترانا، ئۇمۇ «تۈكلۈك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار، 1838-يىلى تۇغۇلغان، بۇ جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى سېرك ئۆمىكىدە پائالىيەت قىلغان.
ئەيلىس دورتى ئىسىملىك قىزمۇ «تۈكلۈك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار، ئۇ يەنە «مىننېسوتا تۈكلۈك قىزى» دەپمۇ ئاتالغان، ئۇ 1887-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى دەسلەپتە ئۇنىڭ باشقا ئىككى نورمال بالىسىدىن پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلمىغان، لېكىن چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ ئاستا ـ ئاستا ئۇنىڭدىكى تۈكلىشىشنى بايقىغان ھەم شۇ سەۋەبتىن كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى بىلىپ بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كىرىم قىلغان.
1979-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خېپىڭ ناھىيەسىدە بىر ئائىلىدە «تۈكلۈك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم بايقالغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ تۇغۇلغاندا ئالىقان ۋە تاپىنىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدە سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۇزۇن تۈكلەرنى كۆرگەن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پېشانە، قاپاق، بۇرۇن ۋە بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۈكلەر تەدرىجىي چۈشۈپ كېتىپ، قارىماققا ساقاللىق ئادەمدەك بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭ كۆكرىكى ۋە دۈمبىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قارا ئۇزۇن تۈكلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن. گەرچە بۇ ئىككى پارچە سۈرەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تارتىلغان بولغاچقا سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى «تۈكلۈك» كېسىلىنىڭ مىسالى.
ئالىملارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان پۈتۈن يەر شارىدا «تۈكلۈك» كېسەللىك مىساللىرى پەقەت ساناقلىقلا بولغان، بىماردا «بەدەن تۈكلىرى باراقسان بولۇش»تىن باشقا يەنە چىش مىلىكى ئۆسۈپ قېلىش ۋە سۆڭەك ياخشى يېتىلمەسلىك ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى نورمال.
رەسىمدىكى بالىنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى نورمال ئادەملەردەك تۈز بولماستىن، بەلكى ئەگرى سىزىق ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ خىل نورمالسىز قۇرۇلما ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئومۇرتقا كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالىدە سۆزلەنگەن «تۈكلۈك» كېسىلى بىر خىل تۇغما پۈتۈن بەدەننى كۆپ تۈك قاپلاش كېسىلى بولۇپ، ئىنگلىزچە ئاتىلىشى congenital generalized hypertrichosis دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ CGH دېيىلىدۇ. بۇ بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بەدەن تۈكلىرىنىڭ بىنورمال ئۆسۈش ھادىسىسىنى «بۆرە ئادەم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» دەپمۇ ئاتايدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە «تۈكلۈك» كېسەللىك گېنى ئىنسانلار تېنىدىن «يوقالغان گېن» ئىكەن.
1993-يىلى بائۇمئېيستېر قاتارلىقلار يۇنانلىق «تۈكلۈك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىزنىڭ خروموسوماسىدىن inversion(8)(p11.2;q22) بۆلەكنى بايقىغان. تۈكلەر ئاساسلىقى بۇ قىزنىڭ يۈز، قۇلاق ۋە مۈرە قىسمىدا ئۆسكەن.
1998-يىلى بىر «تۈكلۈك» كېسەللىك بىمارىدىن 8-نومۇرلۇق خىروموسوما بىنورمال بۆلېكىنى بايقىغان، بۇ ئادەمنىڭ يۈز قىسمى، قۇلىقى، مۈرىسى ۋە پۇت-قوللىرىغا كۆپ مىقداردا قارا رەڭلىك تۈكلەر ئۆسكەن، لېكىن بەدىنىنىڭ باشقا قىسمىغا ئىنچىكە ھەم سۇس رەڭلىك تۈكلەر ئۆسكەن، 2001-يىلى ۋە 2009-يىللىرىمۇ مۇشۇنىڭدەك بايقاشلار بولغان.
گەرچە بۇ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئىسپانىيەدە بىر قىسىم بالىلار بۇلغانغان دورىلارنى يەپ تۈكلۈك بولۇپ قالغان.
نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ تۇغما خاراكتېرلىك «تۈكلۈك» كېسىلى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر يەنىلا كەمچىل.