ھايۋانلارنىڭ ئاپپاراتنى بايقىغان ۋاقتىدىكى ئىنكاسى
ھايۋانلار ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتقا يۈزلەنگەندە ھەمىشە يېقىنراق بېرىپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ باقىدۇ. گەرچە نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىمۇ، قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىسىمۇ ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان قىزىقارلىق ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىدۇ.
01
مۈشۈكئېيىق: مەن «قارا كۆزەينەك» تاقىۋالغاندىكىن بايقىلىپ قالماسمەن-ھە؟
مۈشۈكئېيىق ھاڭۋىقىپ تىكېلىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ فوتو ئاپپاراتقا قاراپ قوياتتى. تەپسىلىي قاراپ باققۇسى بار، لېكىن پېتىنالمايۋاتقان تۇرقى تولىمۇ ئوماق ئىدى.
02
قاپلان: مېنىڭ زېمىنىمدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب!
قاپلاننىڭ تەۋەلىك ئېڭى تولىمۇ كۈچلۈك. ھەرقانداق كىچىك شەپە، ئۆزگىرىشمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاپلان ئاپپاراتنى بايقىغاندىن كېيىن ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ چىققاندىن كېيىن پۇتى بىلەن بىرەر قۇر مىدىرلىتىپ بېقىپ كېتىپ قالدى.
03
جۇڭخۇا سۇماترا بۆكىنى: چەكچىيىپ تۇرىمەنغۇ تازا!
بوينىنى سوزۇپ بېشىنى سىڭايان قىلىپ قاراپ تۇرغان جۇڭخۇا سۇماترا بۆكىنىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرىنى بىردە چوڭ بىردە كىچىك قىلىپ تۇرغان قىياپىتى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. ئۇ خۇددى ئۆزتارتىم سۈرەتكە چۈشۈۋاتقىنىنى بىلىپ قالغاندەك كامېراغا تىكېلىپ تۇراتتى.
04
ماكاكا مايمۇنى: بۇرادەرلەر كېلىڭلار، بىللە قاراپ باقايلى.
بۇ مايمۇنلار بوينىنى سوزۇپ ماراپ كۆز ئالدىدىكى ناتونۇش نەرسىنى كۆزىتىۋاتاتتى.
05
سۈلەيسۈن: بىز بىر قېتىم يېقىندىن ئۇچرىشىپ باقساق قانداق؟
سۈلەيسۈن مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن ئاپپاراتقا يېقىنلاشتى.
تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا كامىرانىڭ يۈزىدىكى ھور ئۇزۇنغىچە تارقىمىدى.
06
تىبەت تۈلكىسى: سىرلىق قاراشلىرىمنى ھېس قىلغانسەن؟
07
ياۋا توڭگۇز: سەن زادى قانداق نەرسە؟
ساڭا مانا مۇشۇنداق تىكېلىپ قاراپ تۇرغىنىم تۇرغان…
ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات «ئانا تەبىئەتنىڭ دۇربۇنى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان تەبىئىي قوغدىلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئىزچىل تۇرۇپ كەلگەن ئاپپاراتلار شۇ يەرنى قوغداۋاتقانلارنى قىممەتلىك ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. ئاپپاراتنىڭ ياردىمىدە بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولدۇق.