تەبىئەت

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

ئاتلانتىك ئوكيان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دېڭىز-ئوكيان. ئۇ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئانتاركتىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەكلى S ھەرىپىگە ئوخشايدۇ. ناھايىتى قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاتلانتىك ئوكيان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا بىر قاتار قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن.

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن قىسمى

بىز جەبىلتارىق بوغۇزىدىن يولغا چىقىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا دېڭىز، ئېگېي دېڭىزى، داردانىل بوغۇزى، مارمارا دېڭىزى، بوسپورۇس بوغۇزى ۋە قارا دېڭىزدىن ئۆتىمىز. قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا كەلگەندە، قارا دېڭىزنىڭ شەرق تەرىپىدە يەنە بىر پارچە كۆك رەڭلىك سۇ دائىرىسى بارلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ كۆلىمى ھەتتا قارا دېڭىزدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق بۇ سۇ دائىرىسى قۇرۇقلۇق تەرىپىدىن قورشىلىپ، قارا دېڭىز بىلەن تۇتاشمىغان. ئۇ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆل كاسپىي دېڭىزىدۇر.

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

قارا دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى

كاسپىي دېڭىزى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ كاسپى دېڭىزى غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1200 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 320 كىلومېتىر، كۆل قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7000 كىلومېتىر، كۆلىمى 386 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر.

386 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر يەر مەيدانى قانداق ئۇقۇم؟ نوقۇل سان جەھەتتىن بىز كاسپىي دېڭىزىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىز دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۆلىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى! نۆۋەتتە دۇنيادا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتتىن 195ى بار. دۇنيادىكى بۇ 195 دۆلەت ئىچىدە، كۆلىمى كاسپىي دېڭىزىدىن ئېشىپ كېتىدىغىنىدىن ئاران 60ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىدىكى زىمبابۋېنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 390 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆلىمى كاسپىي دېڭىزىدىن ئازراقلا ئېشىپ كەتكەن دۆلەت. كۆلىمى زىمبابۋېدىن كىچىك بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆلىمىمۇ كاسپىي دېڭىزىنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ. بۇنداق دۆلەتتىن جەمئىي 135ى بار.

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

كاسپىي دېڭىزى

نورۋېگىيەنىڭ يەر مەيدانى 380 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر؛ ياپونىيەنىڭ يەر مەيدانى 377 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر؛ گېرمانىيەنىڭ يەر مەيدانى 357 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى كاسپىي دېڭىزىنىڭكىدىن كىچىك.

يەنە كاسپى دېڭىزى بىلەن دۇنيادىكى باشقا كۆللەرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆل شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سۇپېرىئور كۆلىدۇر. ئۇنىڭ كۆلىمى 82 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كاسپى دېڭىزىنىڭ كۆلىمى ئۇنىڭ 4.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. سۇپېرىئور كۆلى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ بىر قىسمى. بەش چوڭ كۆل سۇپېرىئور كۆلى، مىچىگان كۆلى، ھۇرون كۆلى، ئېرى كۆلى بىلەن ئونتارىئو كۆلى. ئۇلارنىڭ بەشىنى قوشقاندا ئومۇمىي كۆلىمى 245 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كاسپى دېڭىزىنىڭ كۆلىمى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىنمۇ 141 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر چوڭ.

كاسپى دېڭىزىنىڭ كۆلىمى دۇنيادىكى كۆللەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى (2 مىليون 700 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر)نىڭ يەتتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

كاسپىي دېڭىزى ۋە بەش چوڭ كۆل

كاسپى دېڭىزىدا قانچىلىك سۇ بار؟ كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى تەخمىنەن 77 مىڭ كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە قانچىلىك سۇ بار؟ بىز ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ بوخەي دېڭىزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى. بوخەي دېڭىزى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىز رايونى بولۇپ، كۆلىمى 77 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بوخەي دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى 1730 كۇب كىلومېتىر. كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى بوخەي دېڭىزىنىڭ 44.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 44 يېرىم بوخەي دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى ئاندىن كاسپى دېڭىزىنى قاپلىيالايدۇ.

كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى دۇنيادىكى كۆللەرنىڭ سۇ ساقلاش ئومۇمىي مىقدارى (176 مىڭ 400 كۇب كىلومېتىر) نىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ.

بۇ كۆل چوڭلىقىدىن دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ

دېڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى

كاسپى دېڭىزىنىڭ كۆلىمى شۇنچە چوڭ بولغاچقا، «دېڭىز» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن كاسپىي دېڭىزى دېڭىز ئەمەس بەلكى كۆل. ئۇ ئىلگىرى دېڭىز ئىدى، جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، تەخمىنەن 11 مىڭ يىل ئىلگىرى كاسپىي دېڭىزى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن. ئۇمۇ قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر قىسمى، كېيىن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كاسپى دېڭىزى قۇرۇقلۇق تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان بىر كۆلگە ئايلانغان. كاسپى دېڭىزى قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قالدۇقى بولغاچقا، «دېڭىز ئىزى كۆلى» دەپ ئاتالغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى