ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بەدىنىدىكى ۋىرۇسلار يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولامدۇ؟
ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ يۇقۇش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغاندا، ئادەتتە ئوغرىلىقچە داۋالىنىدۇ، ئاسانلىقچە باشقىلارغا دېمەيدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىز بىمارلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسلار يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولامدۇ؟ قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەتتە سىرتقى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى قان، ئىسپېرما ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ئىچىدە ياشاش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ۋىرۇسنىڭ ئۆلگۈچى بەدىنىدە ياشاش ۋاقتى ئادەتتە ئانچە ئۇزۇن بولمايدۇ، ئادەتتە ۋىرۇس ناھايىتى تېزلا ئۆلىدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
نۆۋەتتە يەنىلا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا يوق، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇش مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىدۇ، ئاساسلىقى لىمفا ھۈجەيرىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، لىمفا ھۈجەيرىسى بىزنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىمىز بولۇپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى قان، ئىسپېرما ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدا مەۋجۇت بولىدۇ. ياش، تەر، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتتە ئاساسەن ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ. شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراشقاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.
ئەيدىز بىمارلىرى ئىممۇنىتېت كۈچىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟
1. ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يەلسىز بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش.
2. زىيادە ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، بەدەننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل ۋە مول ۋىتامىنلارنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.
3. ئەگەر ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى يار بەرسە، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇش كېرەك
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۆرۈر تېپىلغاندا دورا ئىشلىتىپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان جۇڭيى دورىلىرى، قۇۋۋەت دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك، لېكىن چوقۇم كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش كېرەك، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غەربچە دورىلارنى ئىشلىتىپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا دورا ئوكۇللارنى شەخسنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاشقا بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ھالقىلىق داۋالاش يەنىلا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.