ساغلاملىق

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

مېنىڭ ئىسمىم نەينەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، بۇ يىل 25 ياش، مىجەزىم ئوچۇق-يورۇق بولغاچقا، دەسلەپتە ئاتا-ئانامنىڭ تەكلىپى بىلەن ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپىنى تاللىدىم. شۇنداقا ئۆزۈممۇ بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى قانداقلا بولمىسۇن ئۆمەك باشلاپ ساياھەتكە چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈممۇ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى ساياھەت قىلالايىتتىم. شۇنچە چوڭ بولۇپ مەن پەقەت بىر قېتىملا مۇھەببەتلىشىپ باققان، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مەن يېتەكچىلىك قىلغان ئۆمەكتىكى بىر ساياھەتچى ئىدى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

2019-يىلى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندا، مەن تېخى پىراكتىكانت ئىدىم. تۇنجى قېتىم ساياھەت يېتەكچىلىك خىزمىتى بىلەن ئۇچراشقاندا، مەن ئاساسىي بىلىملەرگە ئانچە پىششىق ئەمەس ئىدىم. شۇڭا ئۇ مېنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا جىددىيلەشكەنلىكىمنى كۆرۈپ، يول بويى ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. شۇنداق قىلىپ مەن مۇھەببەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەم بارغانسېرى قويۇقلاشتى ھەم ئىككى ئايدىن كېيىن بىز بىللە بولدۇق.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

لېكىن قانداقلا بولمىسۇن تۇنجى مۇھەببەت، مەنمۇ قانداق مۇھەببەتلىشىشنى بىلمەيتتىم، شۇڭا بەزىدە ئازراق جېدەلمۇ قىلىپ قوياتتىم. دەسلەپتە ئۇ بەكلا كەڭ قورساق ئىدى، كېيىن ئۇمۇ ئورۇنسىز جېدەللەرگە تاقەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بىر يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن، بىز ئايرىلىپ كەتتۇق. ئۇنى قايتا ئويلىماسلىق ئۈچۈن مەن تېرىشىپ خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كەسىپكە قاراتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، سالامەتلىكىمنىڭ ئىزچىل ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، ياخشى ئارام ئالالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭۈل ئاغرىقى بەك كۆپ بولغاچقا، ئازراق قايغۇرۇپ كېسەل بولۇپ قالدىم دەپ ئويلىدىم. لېكىن ھېچقانداق كونكرېت كېسەللىك ئىپادىسى يوق بولۇپ، پەقەت پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىم. كېيىن مۇھەببەتلەشكىنىمىزنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شام يورۇقىدا كەچلىك تاماق يېدۇق.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

10-ئاينىڭ بايرىمىدا مەن بىر ئۆمەكنى باشلاپ ساياھەتكە چىقتىم، ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزۈم ئالدىن ئېلىۋالغان تاماقنىلا يەيتتىم. ئەمما ئۇ قېتىم ئالدىنقى كۈنى پىلان جەدۋىلى تەييارلىغاندا بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، تەييارلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، سىرتتا خالىغانچە يېدىم. تاماقنى پاكىز يەردىن يېمىدىممۇ ياكى ئاشقازىنىم بەك ناچارمۇ بىلمىدىم. شۇ كۈنى چۈش سائەت 12 دە تاماق يەپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە قورسىقىم تۇرۇپلا ئاغرىغاندەك ھېس قىلدىم ھەم قاتتىق تەرلەپ كەتتىم. ئەسلىدە بەرداشلىق بېرەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، بىراق سائەت ئالتىدىن كېيىن ئاغرىقتىن يول ماڭالماي قالدىم. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، مەن قىزىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆمەك باشقىلارغا تاپشۇرۇپ، يالغۇز تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا باردىم. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، مېنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ئىكەنلىكىمنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈردى. دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن يەنە قان تەكشۈرتتۈم، يېرىم يولدا دوختۇر مەندىن بىر قانچە شەخسىي سىر مەسىلىسىنى سورىغاندىن كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇلار ماڭا HIV مۇسبەت دەپ دىياگنوز قويغىنىنى ئاڭلىغاندا بېشىم پىررىدە قېيىپ كەتتى. ئاندىن مەن بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت ماتېرىياللارنى تەلۋىلەرچە كۆرۈپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن چېتىلىپ قېلىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. شۇ چاغدا مەن ئاتا-ئانامغا ئۆزۈم يالغۇز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئارخىپىغا ئىمزا قويغانلىقىمنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بۆلۈمىدىن تېلېفون كېلىپ، مەندىكى CD4 سانىنىڭ 427غا يەتكەنلېكىنى، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى 2.90E+03copies/mL ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ساياھەت يېتەكچىلىكىدە ئەيدىزگە يېتەكلەندىم

ئەگەر بۇ قېتىمقى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى سەۋەبىدىن بولمىغان بولسا، بەلكىم ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى. ئايرىلىپ كەتكىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇممۇ يوق، ھەتتا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سوراشقا ئامالسىزمەن. لېكىن سورىغان تەقدىردىمۇ نېمە بولماقچى؟ كېسەل ئاللىقاچان يۇقۇپ بولدى، ئەمدى قىلىدىغىنىم پەقەت ياخشى دورا يېيىش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش. بەزىدە تەن بەرگۈم كەلمەي قالىدۇ، ئۆزۈم ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ھاياتنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن بولماي تۇرۇپلا توزۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن. بەلكىم بۇ ھايات رىكاس (Ricas)نىڭ: «كىشىلىك ھايات سەپىرى مانا مۇشۇنداق، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ گاڭگىراپ، بىر نەچچە دەقىقىدە ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ» دەپ ئېيتقىندەك بولسا كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى