ساغلاملىق

ئېغىز بوشلۇقىڭىزدا دائىم يارا پەيدا بولامدۇ؟

ئېغىز بوشلۇقى يارىسى تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، گەرچە كۆپ ساندىكى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئادەمنى ئىنتايىن ئازابلاپ، گەپ قىلىش ۋە تاماق يېيىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك ناھايىتى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېگەندە ئاندىن ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقىڭىزدا دائىم يارا پەيدا بولامدۇ؟

ئېغىز بوشلۇقى يارىسىدا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش

بالىلار ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا گىرىپتار بولىدۇ، چۈنكى بالىلاردا قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قۇرامىغا يەتكەنلەردىمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسى تەكرار كۆرۈلسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ۋىتامىن B12، سىنك، فولىك كىسلاتاسى ياكى تۆمۈرنىڭ كەمچىل بولۇشى ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن C ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ قوبۇل قىلغاندا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى، ساقايتقىلى بولىدۇ.

2. كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش

يېمەكلىك ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، لىمون، ئاناناس ۋە پەمىدۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئېغىز بوشلۇقىڭىزدا دائىم يارا پەيدا بولامدۇ؟

3. يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىش

يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىش ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەر ياڭىقى، تۇخۇم ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرگە دىققەت قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ يېمەكلىكلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

4. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش

ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى ناھايىتى ياخشى، ئەمما ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر جاراھەتنى غىدىقلاپ، ئاغرىق ئازابىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا ساقىيىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقىڭىزدا دائىم يارا پەيدا بولامدۇ؟

5. ھاراق ئىچمەسلىك

ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. ئىسپىرتمۇ جاراھەتنى غىدىقلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت ساقايماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرتمۇ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋېتىشى مۇمكىن. بەزى ئەھۋاللاردا،ھاراق ئىچىش يەنە يارا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە تاماق يېيىشكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا قارىتا داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا گىرىپتار بولغاندا چوقۇم ئېغىزنى كونترول قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنى تېزلىتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى